خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ياپونىيە «ئورتاق» ئاگېنتلىقى ۋە «ئاساخى خەۋەرلىرى» نىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 17-مارت سەھەر سائەت 7:30 لاردا ياپونىيەنىڭ خىروشىما ناھىيەسىنىڭ خىروشىما شەھىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئېغىر دەرىجىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 10 دىن ئارتۇق ماشىنا زەنجىرسىمان قوغلىشىپ ماڭغان، بەش ماشىنىغا ئوت كەتكەن، ئوت بىر سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېلىنغان. ۋەقەدە ئىككىيلەن قازا قىلىپ، 60 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved