پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
287-مەيدان رەسمىي مۇسابىقە ، 100-توپ. شەنبە كۈنى مۇسۇلمان توپچى رىبىرىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن گۈزەل بىر كېچە بولدى.
بۇ رىبىرىنىڭ بايرىن كۇلۇبى ئۈچۈن 186-مەيدان گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى. ئۇ ئىلگىرى سىتۇلگات ۋە كوپىنھام كۇلۇبىدا 185 قېتىم مەيدانغا چىققان توپچى دېلپىئو دىن ئېشىپ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان فىرانسىيىلىك توپچى بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كەينىدە تۇرىدىغان يەنە 2001-يىلى بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىككى فىرانسىيىلىك توپچى بار بولۇپ ئۇلار سانىئول ( 184 مەيدان) ۋە رىجارىز (183 مەيدان) قاتارلىق ئىككىسى.
«رەسىم گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، رىبىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى جەھەتتە ماتۋۇز دىن ئېشىپ چۈشكەن. ماتۋۇز بولسا بايرىن مىيۇنخېن ئۈچۈن 287 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 98 توپ كىرگۈزگەن. رىبىرىنىڭ ئالدىدا يەنە خېلى كۆپ توپچى بار. بىراتىنا 101 توپ. ماركو 103 توپ. خېنىس 10 توپ. ( ھەممىسى 287 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ.)
مۇھىمى بۇنىڭدىن بۇرۇن بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى بۇلۇڭ توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان. گەرچە ئۇلار 111 قېتىم بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ پۇرسەتنى تۇتالمىغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە روبىن تېخنىكىلىق بۇلۇڭ توپ باشلاپ توپنى ئالغان رافىنىيە ئالونسۇغا پاس بەرگەن. ئالۇنسۇ توپنى ئۆرلىتىپ پاس بەرگەن. رىبىر كاللا توپ كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن رىبىرى بۇ رېكورتىنى ياراتقان ھەمدە ئۆزىنىڭ 100-توپىنى كۈتۈۋالغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved