رىياد ھۆكۈمىتىدە ئۆزگىرىش سىگنالى يوق

جاھان ئاگېنتلىقى 19-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبىرى ۋەلىد، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى سەلمان دەۋرىدە، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا قارىتا پوزىتسىيەسىدە بىرەر ئۆزگىرىش سىگنالى كۆرمىگەنلىكىنى ئەمما بۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇرىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبىرى مۇھەممەد ھىكمەت ۋەلىد، «ئەل قۇدۇس ئەل ئەرەبىي» گېزىتى مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى. ۋەلىد، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۇرىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش سىگنالى كۆرمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، كەلگۈسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بىر ئېچىلىش ئۈمىدى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەلىد، سەئۇدى ئەرەبىستاندا پادىشاھ سەلماننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن رىياد ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بىرەر ياخشىلىنىش بولۇپ-بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سۇرىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبسىتان ئارىسىدا ئورتاق مەنپەئەت بار دەپ ئويلايمىز. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى تېرور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. بۇ قارارنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى بىر تېرور تەشكىلات ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەيدانىدا ئاشكارا بىر ئۆزگىرىش سىگنالى كۆرمىدۇق. ئەمما بىز كەلگۈسى مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن پەقەت مۇسۇلمان قېرىنداشلارلا ئەمەس، بەلكى بارلىق گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئېچىلىش دەۋرى بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز» .
ۋەلىد، سۇرىيەدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئالاقىدار،« بۇنىڭ ھازىرقى زۇلۇم سەۋەبلىك ۋاقىتلىق بىر قارشىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئېقىمنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى، «ئىلىملىك گۇرۇپ» نىڭ سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ھاكىم بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسەل 12-فېۋرالدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تامامىغا ئەمەس، بەلكى تەشكىلات ئىچىدىكى كىچىك بىر گۇرۇپپىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
سەئۇد فەيسەل، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلان قىلىنىدىغان جەزىرە گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سەمرا مۇقرىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن ھېچقانداق مەسىلىمىز يوق، بىزنىڭ مەسىلىمىز بۇ جامائەتكە تەۋە كىچىك بىر گۇرۇپپا بىلەن، بۇ گۇرۇپپا مۇسۇلمان قېرىنداشلار باش كاتىبىغا قاراشلىق» دىگەن.
مىسىردىكى 2013-يىلىدىكى 3-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگرىشىگە تولۇق ياردەم بەرگەن رىياد ھۆكۈمىتى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.



20-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek