كولۇمبىيەدە 2100 ھامىلدار ئايال زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

       ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، زىكا ۋىرۇسى (Zika virus) ئامېرىكا قىتئەسىدە داۋاملىق يامراپ كېتىۋاتىدۇ. يېقىندا كولۇمبىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ھازىر مەزكۇر دۆلەتتە تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەم زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2100 ى ھامىلدار ئىكەن.

         يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كولۇمبىيەدە ھازىر 20 مىڭ 297 ئادەمنىڭ زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگىنوز قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2116 سى ھامىلدار ئايال ئىكەن. بىراق ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بېشى كىچىك بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بۇندىن بۇرۇن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، زىكا ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىر قىسىم رايونلاردىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشى كىچىك بولۇپ قېلىشى (كىچىك باش كېسەللىكى) (Microcephaly) ۋە گۇيلايىن باررې ئۇنۋېرسال كېسەللىكى (Guillain - Barre syndrome disease) نىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىچىدە %37.2 ى كولۇمبىيە ۋە ۋېنسۇئېلا كىسىشىدىغان شىمالى سانتاندېر (Norte de Santander) ئۆلكىسىدە ئىكەن. كولۇمبىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتتە ھازىر 700 مىڭ ئادەم زىكا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇش ئىھتىمالى بار بولۇپ، شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىتاستىكا قىلىشىچە، ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى قاتارلىق رايونلاردىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا زىكا ۋىرۇسى تارقالغانلىقى ئېنىقلانغان. يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغىنى بىرازىلىيە، كولۇمبىيە قاتارلىق ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئىكەن. ياۋروپا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە تېخى زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بولمىسىمۇ، بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياۋروپا قىتئەسى رايونىدا قىشتا زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا زىكا ۋىرۇسىنى ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىدىكى ئىدىس پاشىسى تارقىتىدىكەن، بۇ پاشا دېنگې قىززىتمىسى (dengue)، چىكۇنگۇنيا قىزىتمىسى (Chikungunya) ۋە سېرىق قىزىتما تارقىتىدىغان پاشىلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، زىكا ۋىرۇسى خەتەرلىك ۋىرۇس ئەمەس بولۇپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تازلاش، ئىدىس پاشىسىنىڭ چېقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇھىم ئىكەن.

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى زىكا ۋىرۇسى توغرىسىدا جىددىي كومىتېت يىغىنى چاقىرىپ، زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى «خەلقئارا مۇناسىۋىتىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سەھىيە ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-يوق» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek