دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- ۋە 21-ئاپرېل پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى.
جۇڭگو بىلەن پاكىستان-دوست قوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 1951-يىلى 21-ماي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان ياخشى قېرىنداش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ئۆتكەن ياخشى دوست، ھەمكارلىشپ تەڭ نەپ ئالغان ياخشى شېرىكلەردىن بولۇپ كەلدى. پاكىستان جۇڭگونى ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى دەپ قارىدى، جۇڭگولۇقلار پاكىستاننى يېقىن دوستىمىز دەپ ئاتىدى.
1955-يىلىدىكى باندۇڭ يىغىنى مەزگىلىدە، زۇڭلى جۇ ئېنلەي بىلەن پاكىستان زۇڭلىسى مۇھەممەد ئەلى ئىككى قېتىم دوستانە سۆھبەتلەشكەن. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ سۆھبىتى-ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. باندۇڭ يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ئالاقىنى داۋاملىق كۆپەيتتى. 1956-يىلى 10-ئايدا، پاكىستان زۇڭلىسى سۇراۋات تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. شۇ يىلى 12-ئايدا، زۇڭلى جۇ ئېنلەي پاكىستاندا زىيارەتتە بولدى. بىر يىل ئىچىدە، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە، يېڭى جۇڭگو تاشقى قامالنى بۆسۈپ ئۆتۈش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىق پەيتلەردە، پاكىستان جۇڭگونى قەتئىي قوللىدى. 1965-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە، پاكىستان ھەر نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا تەكلىپ بەرگۈچى دۆلەت سۈپىتىدە، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىدى. بۇندىن باشقا، پاكىستاننىڭ ئوتتۇرىدا ۋەز ئېيتىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، 1971-يىلى 7-ئايدا ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى كېسىنگىر جۇڭگودا مەخپىي زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، دۇنيا ۋەزىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى ھەم داۋاملىق راۋاجلاندى. 1996-يىلى 12-ئايدا، ئىككى تەرەپ 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.
21-ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇر راۋاجلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپىيىپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى ئۆزلۈكسىز كۈچەيدى. 2005-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگو بىلەن پاكىستان «جۇڭگو-پاكىستان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەت تېخىمۇ قويۇق بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئارىلىقتا، ئىككى دۆلەت جۇڭگو-پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2013-يىلى 5-ئايدا، زۇڭلى لى كېچياڭ پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئىككى دۆلەت ئومۇميۈلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. شۇ يىلى 7-ئايدا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ «يېڭى مەزگىلدە جۇڭگو-پاكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر»نى ئېلان قىلدى.
بۇلتۇر 5-ئايدا، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تۇنجى تۈر بولغان پاكىستان قاسىم پورتىدىكى 1320 مېگاۋاتلىق ئوت ئېلېكتىر تۈرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كاراچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بىر بەلباغ، بىر يول ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ئىستراتېگىيەلىك رامكا ھازىرلاپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى سەھنىگە ئايلاندى.
بۇ يىل-ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق بېكىتكەن جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىلى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved