سۇ
مىس ياكى ئاليومىندىن ياسالغان مېتال سۇ جۈمەكلىرى ۋە سۇ تۇرۇبىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، ئېغىر مېتاللارنىڭ سۇغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە سۇ ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى جۈمەكنى ئېچىپ سۇنى بىر نەچچە مىنۇت ئېقىتىۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى سۈپەتسىز سۇ قايناتقۇچلارنىڭ داتلاشماس پولات قاچىلىرىدىكى ئېغىر مېتاللارمۇ دائىم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، چوقۇم دۆلەتنىڭ ‹‹3C›› ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ھەم ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېغىر مېتاللار بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە بېشىغا كۆپرەك يىغىلىپ قالىدىغان بولغاچقا، بېلىق يېگەندە بۇ قىسىملىرىنى تاشلىۋېتىش كېرەك ئىكەن. بېلىق گۆشلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن بۇرۇن ئامال بار سۇغا ئۇزاقراق چىلاپ قويۇش، يېگەن چاغدا ئاچچىقسۇ قۇيۇش ئارقىلىق زىيانلىق ئېغىر مېتاللارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ھاكتا پىشۇرۇلغان تۇخۇم
تۇخۇمنى ھاكتا پىشۇرۇش جەريانىدا، تۇخۇم چىلىنىدىغان سۇيۇقلۇققا قوغۇشۇن ياكى مىس قوشۇلۇپ، تۇخۇمدىكى ئاقسىل قاتۇرۇلىدۇ. شۇڭا تۇخۇمغا سىڭىپ كېتىدىغان ئېغىر مېتاللار كۆپ بولىدۇ. ھازىر ھۈنەر – سەنئەتنىڭ ئىلغارلىشىشى بىلەن بۇ خېيىم – خەتەر خېلى تۆۋەنلىتىلدى، بىراق شۇنداقتىمۇ كۆپ يېمەسلىك، يېيىشكە توغرا كەلسە، چوقۇم ئاچچىقسۇ قوشۇپ يېيىش ئارقىلىق، ئېغىر مېتاللارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش كېرەك.
ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى
گەرچە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئۆزىگە خاس ئوزۇقلۇق تەركىبلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە قوغۇشۇن ۋە كادمىي قاتارلىق ئېغىر مېتاللارنىڭ يىغىلىپ قېلىش خەۋپىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
پاسىلداق (قەلەي) قۇتا ئىچىملىكلىرى
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، پاسىلداق قۇتىلاردىكى ئىچىملىكلەردە ئاليومىننىڭ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بوتۇلكىدىكى ئىچىملىكلەرگە قارىغاندا ئۈچ ~ ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
جۇڭگوچە دورىلار
جۇڭگوچە دورىلاردا زەرنىخ ۋە كىنوۋار (قىزىل لاك) كۆپ ئۇچرايدۇ، كىنوۋار (قىزىل لاك)دا سىماب، زەرنىختە ئارسېن كۆپ بولغاچقا، بۇ دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، سىماب ۋە ئارسېن قاتارلىق ئېغىر مېتاللارنىڭ بەدەندىكى جۇغلانمىسى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved