ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋستىرالىيەلىك بىر دادا 12 ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ ئائىلىنىڭ نام-ئابرويىغا داغ تەككۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ 26 ياشقا كىرگەن بىر بالىغا ياتلىق قىلغان. يېقىندا يەرلىك سوت بۇ دادىنى بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دادا قىزىنى 2014-يىلى ياتلىق قىلغان ھەمدە قىزىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشىنى توسقان.
سوتتا بۇ دادا ئۆزىنى ئاقلاپ، قىزنىڭ توي ئىشىنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى، قىزنىڭ تويدىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ دادىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، قىزىنى ياتلىق قىلىشى ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دىنىي ئېتقادقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما سوت ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئىلىك ئالمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، سوت 29-ماي بۇ دادىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved