يەر شارى خەۋەر تورى 3-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى، قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «قىرىم تاتار تېلىۋېزىيسى» ATR نىڭ تارقىتىلىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، «قىرىم ئۇكرائىنىيەنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ كەلمەكتە» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مارىيە خارف ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ATR تېلىۋېزىيسى، ئاۋدەت گېزىتى، مەيدان رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق قىرىمدىكى بىر قانچە مېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
مارىيە خارىف، بۇ مېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ قىرىمدا ئىپادە ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، روسىيەنىڭ ئىشغالىيتىگە قارشى چىقىۋاتقان قىرىم تاتار نۇپۇسى ۋە باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خارىف باياناتتا مۇنۇلارنى ئېيتتى؛ «قىرىمدىكى ۋەزىيەت بۇنداق بولماسلىقى كىرەك ئىدى. ئامېرىكا روسىيەنىڭ قىرىمدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە رىئايە قىلماسلىقى ۋە مېدىيا ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىشىنى ئەيىبلەيدۇ. تارقىتىلىشى توختىتىلغان بارلىق مېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈشىگە چاقىرىق قىلىمىز. قىرىم ئۇكرائىنيەنىڭ بىر قىسىم بولۇپ داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا ئۇكرائىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ» دېدى.
قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرىم تاتار تېلىۋېزىيە قانىلى ATR ۋە باشقا بىر قىسىم مېدىيا ئورۇنلىرى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ تارقىتىلىشى توختىتىلغان ئىدى. ATR قىرىم تاتار تېلىۋېزىيسى 2006-يىلىدىن باشلاپ تۇنجى مۇستەقىل تاتار تېلىۋېزىيسى بولۇپ تاتارچە، رۇسچە ۋە ئۇكرائىنىيەچە تىللاردا تارقىتىلىۋاتاتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved