نېمە ئۈچۈن خىزمەتچىلەردە ئاكتىپچانلىق يوق
08-03-2015
0
334
يازغۇچى:
thumb


بەزى ئىشلار بىزنى خوشال قىلىدۇ ۋە تەسىرلەندۈرىدۇ، يەنە بەزى ئىشلار بىزنىڭ ئاكتىپچانلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز خىزمەتچىلىرىڭىزگە ساغلام تەرەققى قىلىدىغان مۇھىت ھازىرلاشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم خىزمەت مۇھىتىڭىزدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بار-يوقلىقىنى تەكشۈرىشىڭىز كېرەك.

 


1. ھىلەمىكىرسى بار كىشىلەر؛

 


ئەگەر سىز بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئىشلەپ باققان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىسىز. بۇنداق كىشىلەر يوقىلاڭ تەشۋىقاتلارنى قىلىپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق كىشىلەرنى كۆزدىن يوقىتىڭ.

 

2. كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالماسلىق؛

 


ھەر بىر خىزمەتچىگە ئۇلار كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالىغۇدەك مۇھىت يارىتىلىپ بېرىلىشى كېرەك، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرگە ئۇلارنىڭ كەسپى تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.

 


3. ئەركىن پىكىر قىلالماسلىق؛

 


ئەركىن پىكىر قىلىش كىشىلەرگە بىر يۆلىنىش كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەمدە زىھنىنى قىلىۋاتقان ئىشىغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئەگەر خىزمەتچىلەر ئەركىن پىكىر قىلالمىسا، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش كەمچىل بۇلۇپ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بۇلىدۇ.

 

 

4. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى؛

 


ئەگەر سىز ئەھمىيەتسىز يىغىنلارنى تولا ئېچىپ، مۇھىم ئەمەس ئۇچۇرلارنى ھەربىر ئادەمگە يوللىسىڭىىز، خىزمەتچىلىرىڭىز چوقۇم بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.

 


5. ئالاقە بولماسلىق؛

 


ئەگەر خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئالاقە يىتەرلىك بولمىسا، چۈشۈنىش بولماي كۆپىنچە ۋاقىت باشقىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلىش بىلەن ئۈتۈپ، مۇھىم ئىشلار قالىدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئورتاقلىقنى، چۈشۈنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك.

 

6. قارىغۇلارچە باشقۇرۇش؛

 


ئەگەر سىز قارىغۇلارچە ئۆز كۆز-قارشىڭىز بۇيىچە ئۇلارنى باشقۇرسىڭىز، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىسىز. ھەمكارلىق ۋە توغرا مەبلەغ سېلىش قانچە كۆپ بولغانسىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.

 


7. بىلىمدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەسلىك

 


باشقىلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئېتىراپ قىلىنىپ رىغبەتلەندۈرۈلمىسە، رەھمەت ئېيتىلمىسا، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا دائىم «رەھمەت» سۆزى بىلەن خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاپ تۇرۇڭ.

 


8. ناچار باشلىق؛

 


ناچار باشلىق ھەربىر خىزمەتچىگە، ھەتتا ئومۇمى كوللىكتىپقا زىيان سالىدۇ، ھەرقانداق بىر خىزمەتچى ياخشى بىر باشقۇرغۇچىغا مۇھتاج، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تۈزۈتىڭ.


ئەگەر سىز يۇقارقى مەسىلىلەرنى تۈزۈتىپ، خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەرسىڭىز، خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپچانلىقى داۋاملىق ئاشىقۇسى.

 


 


خەتكۈچلەر:
08-03-2015
0
334
يازغۇچى:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2015
0
55
thumb
كىيىم–كېچەك ۋە تۇرالغۇ تۈرىدىكىلەر باھاسىنىڭ ئۆسۈشى CPI نىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى CPIنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىچىدە، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرالغۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولدى. دۆلەت ئىس...
26-05-2015
0
119
thumb
دۇنيا پۇل-مۇئامىلە يوشۇرۇن قائىدىسى ئاشكارىلاندى: 6چوڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە 5مىليارد 800مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوندون بانكىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ئارا پار...
24-05-2015
0
153
thumb
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنا 22-ماي رىگادا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى بىر مىليارد 800 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.ياردەم پىلانىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا...
24-05-2015
0
187
thumb
يېقىندا، بېيجىڭ جىنياڭ سارىيىدا قومۇلدىكى تۇنجى پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەت-شىنجاڭ «ئالتۇن قوش مۈشۈك» خىمىيە-سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ «شىنسەنبەن» لىنىيەسىدە پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ، قومۇلدىكى پاي چېكىن...
22-05-2015
0
118
thumb
ئۇكرائىنادا شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 21-ماي 200 دەك نامايىشچى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتتىن كرېدىتنى قايتا باھالاشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پۇل پاخاللىشىپ كەتكەنلىكتىن پۇللىرىنى چەت ئەل پۇللىرىغا ئالماشتۇرغان كىشىلەر ...
21-05-2015
0
133
thumb
تۇرمۇش رىتىمىمىزنىڭ تېزلىشىشى بىلەن تور سودىسى راۋاجلىنىپ، تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. شەھەر ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ ياشلار خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە جىددىيلىشىۋاتقان شارائىتتا، تور سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىك...
19-05-2015
0
103
thumb
بۇلتۇر ھەر 3.5 كۈندە يارىتىلغان بايلىق 1955 – يىلى پۈتۈن بىر يىلدا يارىتىلغان بايلىققا توغرا كەلدى 1955 – يىلى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان. 1978 – يىلى 3 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 1985 – يىلى 10 مىليارد ...
17-05-2015
0
112
thumb
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 – پەسىلدە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ جەمئىي 24مىليارد يۈەن بېجى كېمەيتىلگەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2 مىليون 160 مىڭ كىچىك...
17-05-2015
0
152
thumb
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 15-ماي مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، ئېلىمىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلەردە چەتئەلگە سالغان مەبلىغى 214 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگ...
15-05-2015
0
120
thumb
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاخبارات ئىشخانىسى 14-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاچقان «13-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»د...
Powered by Leglek