شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 27-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-يانۋاردىن ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇنسىز تىجارت قىلغان 2158 ئاپتوموبىلغا قاتتىق زەربە بېرىلگەن، 2014-يىل پۈتۈن بىر يىلدا قولغا چۈشكەن «قارا تاكسى» 1329 غا يەتكەن.
يېقىندا مۇخبىر ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك قاتناشنىڭ بېسىق ۋە نورمال مەزگىلىدە، تۆمۈر يول ئىدارىسى، بەخت يولى، قىزىلتاغ يولى، پىڭجۇ يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىنى زىيارەت قىلغاندا قاتناشنىڭ نورمال مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە «قارا تاكسى» لارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى، تەڭرىتاغ رايونىدا «قارا تاكسى» لارنىڭ بىر قەدەر كۆپ، يېڭى شەھەر رايونىدا بىر قەدەر ئازلىقىنى بايقىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەكبەر ئەزىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ قانۇننى ئىجىرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، نۇقتا بەلگىلەپ خالىغان ۋاقىتتا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىكەن، بولۇپمۇ يوللاردىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركىزى شەھەرنىڭ يولۇچى توشۇش بازىرىنى تازلايدىكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved