ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدا ‹‹يولۇچىلار قارا تىزىملىكى››تۈزۈم قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 24 – ماي جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تارقاتقان ‹‹خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر››دە مۇنداق تەكىتلەنگەن: جېدەل – ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بىخەتەرلىكىدە ‹‹يولۇچىلار قارا تىزىملىكى›› تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ‹‹يولۇچىلار قارا تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبى، شەرتىنى دەلىللەش ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئايرودۇرۇم، ئايروپورتلار بىرلەشمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قانۇن بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنكاس – ئەرزلەرنى بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، يولۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاۋىياتسىيەسى دېلولىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جېدەل – ماجىرالارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي بولۇش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى بىلەن مەدەنىي ساياھەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ساياھەتچىلىكتىكى مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ۋە ساياھەت تەرتىپىنى قوغداش قاتارلىق مەسىللەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئايروپىلان ۋە ساياھەتچىلىكتىكى مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتلەرنى بىرلىكتە تۈزەشنى قارار قىلدى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى مەدەنىيەتسىز ‹‹ئۆز بېشىمچى›› يولۇچىلارنى جازالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ ساياھەتچىلەرنى ‹‹قارا تىزىملىك››كە كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا.
‹‹پىكىر››دە يەنە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئېلىمىز خەلق ئاۋىياتسىيەسى 2020 – يىلىغا بارغاندا، ‹‹خەلق ئاۋىياتسىيە قانۇنى››نى يادرو قىلغان، ھەرقايسى ساھە، كەسىپ ۋە ھالقىلارنى قاپلىغان، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، قاتلاملىرى ئېنىق، يۈرۈشلەشكەن ۋە ئۆزئارا باغلىنىشلىق قانۇن سىستېمىسى ئورنىتىپ، كەسىپكارلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، جېدەل – ماجىرالارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
01-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك 3 مىليارد 360 مىليون توننىغا يېتىپ، ئورۇندالغان تىرانسپورت خىزمىتى م...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:     تاڭزۇڭزا چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
Powered by Leglek