فىنلاندىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىلىدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 20-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: فىنلاندىيەدىكى سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى «مەركەز پارتىيسى» رەھبىرى سىپىلا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە 3 سىياسى پارتىيە بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركەز پارتىيسى رەھبىرى جۇھا سىپىلا، سايلامدىن كېيىن غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ۋە كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن مۇھاپىزەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلاردىن ئىبارەت 3 چوڭ سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىپىلا سىياسەتكە قەدەم قويغىلى 4 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ قۇرۇلماقچى بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇھاپىزەتچى باش مىنىستىر ئالىكساندىر ستۇبنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھازىرقى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىشمەسلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سىپىلا، فىنلاندىيەنىڭ 3 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادى چېكىنىش سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن 10 يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فىنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بىلەتنىڭ 99.9% سانىلىپ بولدى، بۇنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئەڭ كۆپ ئاۋازغا يۈزدە 21.2% نىسبەت بىلەن ئۆكتىچى مەركەز پارتىيىسى ئېرىشتى. باش مىنسىتىر ئالىكساندىر ستۇب رەھبەرلىكىدىكى مىللى بىرلەشمە پارتىيىسى 18.2% نىسبەتتە سايلامدا مەغلۇب بولدى، ئالىكساندىر، مەركەز پارتىيسىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. سايلامدا ئىككىنجىلىككە ئېرىشكەن فىن پارتىيىسى پارلامېنتتا 38 ئورۇنغا، دېموكرات پارتىيسى 34 ئورۇنغا ئىگە.

لەگلەك تورى ئۈنىدىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK



20-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
02-05-2016
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە 1-خانىم مىچېل 1-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مارىيە (Malia Obama) نىڭ 2017- يىلى كۈزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا كىرىد...
Powered by Leglek