ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 19-ئىيۇن سان فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا شەھەر باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا: ئامېرىكىنىڭ قوراللارغا ئىگە بولۇش ۋە ئىشلىتىشنى قاتتىق قانۇنلار ئارقىلىق كونترول قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.
ئوباما مۇنداق دېدى: قورال ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلىش پاجىئەسى كۆزگە سىڭىشىپ قالدى. مەن يىغىنغا قاتناشقان شەھەر باشلىقلىرىنىڭ سىياسىي كۆز قارشىنى قايرىپ قويۇپ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، قورال كونترول قىلىش ئۈنۈملۈك قانۇن لايىھەسىنىڭ كەمچىللىكى قوراللىق زوراۋانلىق جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەھەللىلەردىكى ئاممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئاقتۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنى تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
ئوباما شەھەر باشلىقلىرىنىڭ قورالنى باشقۇرۇش كونترول قىلىش مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، سايلىغۇچىلار بىلەن بىرگە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved