جاھان ئاگېنتلىقى 22-فېۋرال خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئۇبەيدى، باش مىنىستىر ئىبادى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرە زىيارىتىدە تۈركىيەدىن ئىراققا ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلقى ۋە ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئۇبەيدى باغدادتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىناسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا دۆلەتتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مەلۇمات بەردى. ئۇبەيدى؛ يېقىندا بىر ھەيئەتنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ ئىراققا ھەربىي ياردەم بېرىش ھەققىدە توختالغانلىقىنى ئېيتىپ، «مەن بۇ قېتىملىق زىيارىتىمدە ياردەم بېرىش تەلىپىمىزنى ئاشكارا سۇندۇم ۋە ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشتىم» دېدى. ئۇبەيدى يەنە؛ باش مىنىستىر ئىبادى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن يىلى دىكابىر ئېيىدا ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز بىلەن «تېرورغا قارشى كۈرەشتە ياردەملىشىش» تېمىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: تۈركىيە تەرەپ بىزگە بارلىق ساھەلەردە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئاخبارات، قوراللاندۇرۇش ۋە مائارىپ ساھەلىرىمۇ بۇنىڭ قاتارىدا. يېقىندا بىر ھەيئەت ئىراققا ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيەگە بارىدۇ، مەن زىيارىتىمدە بۇ تەلەپنى ئوچۇق سۇندۇم ۋە ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشتىم. ياردەمنىڭ ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىز تېزلىكتە داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇبەيدى؛ ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق باغدادى رايۇنىنىڭ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىدىن قايتۇرۋېلىنغانلىقىنى، ۋە مەزكۇر رايۇندا ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىن باشلاپ تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراقنىڭ ئىككىنجى چوڭ ۋىلايىتى مۇسۇل 2014-يىلى 10-ئىيۇلدا «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى»تەشكىلاتىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئىراق ئارمىيىسى ۋە كۈرت گۇرۇپپىىلىرى سۈننىي مەزھىبىدىكى ئەرەب مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق ئولتۇراقلاشقان مۇسۇل رايۇنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىتتىپاق كۈچى ھاسىل قىلىپ ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇل ئەتراپىدىكى ئورنى مەخپى بولغان قارارگاھلاردا ھەرىكەت ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار تەربىيلىنىۋاتىدۇ. مەزكۇر ئورۇندا قۇرال ئىشلىتىش، ئاخبارات تېخنىكا-بىلىملىرى، قۇرۇق-قول ئۇرۇشۇش، ھەرقانداق شارائىتتا ئالغا ئىلگىرلەش ۋە ئېتىشىش مەشىقلىرى ئۆگىتىلىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved