ئافغانىستان ھۆكىمىتى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينى كوللىكتىپ قەبرىستانلىق قىلىپ بىكىتمەكچى

ھازىر ئافغانستان ھۆكمىتى يۇقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىق دەلىللەلمىگەن بۇلۇپ، تەخمىنەن 400ئادەم ئاپەت زىينىغا ئۇچرىغان ،ھۆكىمەت تەرەپ تاغ سىيرىلش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينى كوللىكتىپ قەبرىستانلىق قىلىپ جاكارلاشنى قارار قىلغان.

 

ئافغانستاننىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى باداخشان ئۆلكىسىدە 2-چېسلا تاغ سىيرىلش ۋەقەسى يۈز بېرىپ پۈتۈن كەنىت خارابىلىك ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن.شۇ يەرلىك ھۆكىمەت 350دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلكنى مۇقىملاشتۇرغان بۇلۇپ، يۇقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000دىن ئارتۇق بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق بەخىتسىزلىككە ئۇچۇرىغۇچىلارنىڭ كونكىرىتنى سانى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ سۈرىتى ئىنتايىن ئاستا داۋام قىلۋاتقان بۇلۇپ ،شۇ يەرلىك ھۆكىمەت 3-چېسلا قۇتقۇزۇش خادىملىرنىڭ تاش ۋە  توپا ئاستىدىكى كىشىلەرنى قېزىپ چىقرىشقا ئامالسىز قالغانلقنى ئېيتقان.باداخشان ئۆلكىسنىڭ ئۆلكە باشلقى ساۋەلى ئادىنىڭ دىيشىچە، ھۆكىمەت تەرەپ تاغ ئۇلى سىيرىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينى كوللىكتىپ قەبرىستانلىق قىلىپ جاكارلاشنى قارار قىلغان ،ماتەم مۇراسىمى سەل كېچىكىپ ئۆتكۈزۈلدىكەن.

 

شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا ،2-چېسلا تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن بۇلۇپ، بىرىنجى قېتىم ئاپەت يۈز بەرگەندىن كىيىن كۆپلىگەن ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئاپەت رايونىغا كىرىپ قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئەمما ئارقىدىنلا ئىككىنجى قېتىملىق تاغ سىيرىلش ۋەقەسى يۈز بېرىپ زور بىر تۈركۈم كىشىلەر توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان.

ئاپەت يۈز بەرگەن جاي تاغ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تاغ گەۋدىسدىكى يېرىمدىن كۆپرەك تاش توپىلار گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ ئۆي ،دەل-دەرەخ قاتارلىق بېسىپ ئۆتكەنلىكى جايلارنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن.

 

3-چېسلا تاڭ يۇرىشى بىلەن تەڭ شۇ يەردىكى ئامان قالغان كەنىت ئاھالىسى ۋە بىر قىسىم ساقچىلار ئاددى قېزىش قوراللىرى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان ، ئارقىدىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن،قىسمەن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئافغانستان ھەربىي تەرەپنىڭ ئايروپلانىغا ئولتۇرۇپ ئاپەت رايونىغا يول ئالغان.

 

باداخشان ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپنىڭ سائىد ئىسىملىك بىر ئەمەلدارى بىلدۈرۈپ :‹‹بىز ئامال قىلىپ بىر توپا قېزىش ماشىنىسنى ئاپەت رايونىغا ھەيدەپ كىرگەن بىراق قۇتقۇزۇش ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكدەك ئەمەس›› دىگەن. ئاپەتكە ئۇچراش دائىرسى ۋە لاي توپىنىڭ قېلىنلىقى پەقەت ئېغىر تىپلىق ماشىنلار بولغاندىلا ئاندىن  قۇتقۇزۇش ئۈنۈمى كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بىرىپ تۇرسىمۇ بىراق شۇ جايدىكى يوللار ئېغىر تىپتىكى ماشىنلارنىڭ يول يۈرشىگە يار بەرمەيدىكەن.

 

ئافغاانستان دۆلەتلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزشنى باشقۇرۇش ئىدارىسدىكى باداخشان ئۆلكسىگە مەسئۇل خادىم دىخقان ۋەقە ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹لاي توپىلار ھەقىقەتەنمۇ بەك قېلىن بۇنداق ئەھۋالدا توپا ئاستىدا قالغانلارنى كولاپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ››.

شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق 45 ياشتىكى نۇر ئىسىملىك بىر كىشىمۇ بۇ ئاپەتتە بىر تۇغقىندىن ئايرىلىپ قالغان بۇلۇپ ،ئۇمۇ ئاپەت رايونى ھەققىدە ئاشكارلاپ:‹‹بىز راستىنلا ھەرقانداق بىر كىشنى توپا ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ئامالسىز قالدۇق ،ھازىر قۇتقۇزۇشتىن ئۈمىد قالمىدى›› دەيدۇ.


ئافغانستاننىڭ ئىككىنجى مۇئاۋىن پىرىزدېنتى خەلىلى 3-چېسلا ئاپەت رايونىغا يىتىپ بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلاردىن ھال-ئەھۋال سورىغان ھەمدە ھۆكىمەت تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزۇش ھەركىتنى قانات يايدۇردىغانلقنى بىلدۈرگەن.ئافغانىستان  پىرىزدېنتى كارزايىنىڭ سۆز قىلغۇچىسى رازۋېيمۇ تىۋىتتىر تورىدا پىرىزدېنىت كارزايىنىڭ ئاللىقاچان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىنى مەملىكەت خاراكتېرلىك ماتەم كۈنى قىلىپ بىكىتكەنلكنى جاكارلىغان .

بىراق CNN نىڭ ئۆلكە باشلىقى ساۋەلى ئادىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلدۈرۈپ دىيشىچە، ئىگىزلىكى 50 مىتىرغا يېتىدىغان لاي توپا ئاستىدىن جەسەتلەرنى كولاپ چىقرىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. خەلىلىمۇ :‹‹بۇ جاي ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقى بۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ كولاپ چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ.››دىگەن .

2012-يىلى ئافغانستاننىڭ شىمالى قىسمىدا تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 71 ئادەمنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ئەينى ۋاقىتتىمۇ ھۆكىمەت تەرەپ ئوخشاشلا كۆپلىگەن جەسەتلەرنى كولاپ چىقرىش بەك مۈشكۈل دەپ ئەڭ ئاخىردا ئاپەت يۈز بەرگەن جاينى كوللىكتىپ قەبرىستانلىق قىلىپ جاكارلىغان ئىدى.

 

ئەنگىليە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇتقۇزش ئەترىتى نۆۋەتتىكى قۇتقۇزش نوقتىسنى ئاساسلىقى ئاپەتكە ئۇچراپ ھايات قالغان 400ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا قاراتقان بۇلۇپ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرى كىچىك تىپتىكى ماشىنا ۋە تىك ئۇچار ئايروپلانلار بىلەن ئاپەت رايونىغا يۆتكەلمەكتە.ئامان قالغان كەنىت ئاھالىلىرى شۇ يەرلىك ھۆكىمەت تەرپىدىن ۋاقىتلىق تۇرالغۇ جايلارغا  ئورۇنلاشتۇرۇلغان .بىراق مەلۇم بۇلشىچە ئۆي -ماكانسىز قالغانلارنى تەمىنلەيدىغان چېدىر يىتىشمەي قالغان.

3-چېسلا ئافغانستان باداخشان ئۆلكىسى ئابۇبالىق كەنتىدە كىشىلەر ئاپەت رايونىنى چۆرىدەپ جىددى كەيپىياتتا توپا قېزىش ماشىنسنىڭ ئامان قالغۇچىلارنى قېزىپ چىقرىشنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.نۆۋەتتىكى بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى قۇتقۇزۇش ماشىنسى بولسا شۇ يەرلىك ھۆكىمەت يۈك ئاپتوموبىلغا بېسىپ ئېلىپ كەلگەن بىر توپا قېزىش ماشىنىسى ئىدى، يېقىن ئەتراپتىكى كەنىت ئاھالىلىرىمۇ تۆمۈر گۈرجەكلەرنى كۆتۈرشۈپ كىلىپ تاشلارنى ئىتتىرشىپ قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشمەكتە .بەخىتكە يارىشا تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىدىن ئامان -ئىسەن قېچىپ قۇتۇلغان بىر كەنىت ئاھالىسنىڭ دىيشىچە :‹‹ئەينى ۋاقىتتا مەن بازاردا بىر نەرسە سېتۋېلۋاتقان ئىدىم ،شۇ چاغدا كەنىتنىڭ تاش توپىغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلكنى ئاڭلاپلا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم ،ئەپسۇس بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئايالىم ۋە تۆت بالامنىڭ ھەممىسى توپا ئاستىدا قالغان ئىدى››.

يەنە بىر كەنىت ئاھالىسى پىروزنىڭ ئايالى ۋە بەش بالسىمۇ مۇشۇ قېتىمقى ئاپەتتە بەخىتكە قارشى تاش توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن .ئاپەت يۈز بەرگەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۆز ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە بۇلۇپ، ئۇشتۇمتۇت قاتتىق يۇقىرى بىز ئاۋاز ئاڭلانغان ئارقىدىن ئۇ يېقىن جايدىكى تاغ گەۋدىسنىڭ گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ بىر نەچچە ئائىللكنىڭ ئۆينى بۇزۋەتكەنلكنى كۆرگەن.ئۇ  قولۇم-قوشنىلىرنى يىغىپ قۇتقۇزۇشقا تەرەددۇت قىلۋاتقان ۋاقىتتا تېخىمۇ يوغان تاغ تاشلىرى لاي توپا ئارلاش تاغ ئۈستىدىن چۈشۈشكە باشلىغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋە باشقا قوشنىلار ئامالسىز قېچىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قېچىپ چىققان ئۇلار كەينىگە يەنە بىر  قارىغان ۋاقىتتا كەنىت ئاللىقاچان ‹‹غايىب بولغان››ئىدى. 

ئابۇبالىق ئافغانستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نامرات بىر تاغلىق كەنىت بۇلۇپ،كەنىت ئاھالىسنىڭ كۆپچىلىكى خام كىسەك ئۆيلەردە تۇردىكەن .

بىر جۈپ تويى بۇلىۋاتقان ياش بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ ئولتۇرغان 10ئادەم ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتا بىر ھۇجرىدا بۇلۇپ  ئۇلارنىڭ ھەممىسى توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 6 كىشى بىر ئائىلدىن بۇلۇپ، ھەممىسنىڭ تەقدىرى تۇلىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان.

دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى دىخقان مۇنداق دەيدۇ:‹‹بىز ئاللىقاچان يىمەكلىكلەرنى تارقىتىشنى باشلىدۇق ...بىراق بىزدە ئۆي ماكانسىز قالغان 700 ئائىللىككە تارقىتىپ بەرگۈدەك يىتەرلىك چېدىر يوق ››.

شىنخۇا ئاگېنىتلقنىڭ تېلگىراممسى ،تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشكەندىن كىيىن ئافغانستان ھەمىد كارزايى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قۇتقۇزۇش خىزمىىتىنى قانات يايدۇرغان.شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ئارمىيسى 3-چېسلا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان قوشۇمچە ياردەمگە ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ بولغانلقنى ئېيتقان ،بىراق ئافغانستان ھۆكمىتى تېخى قۇتقۇزشۇشقا ياردەملىشىش تەلپىنى ئوتتۇرغا قويمىغان.

ئوبامانىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرشىچە، ئامىرىكا ‹‹ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ شېرىكى ئافغانستاننى ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ›› ئىكەن .گىرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغنىدا ئوباما :‹‹ مەن بۇ يەردە ئامىرىكا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىپ بىزنىڭ مۇشۇنداق قاباھەتلىك تېراگىدىيەنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئافغانستان خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكمىزنى ئېيتىپ ئۆتىمەن ›› دىگەن .ئوبامانىڭ ئېيتىشچە ئامىرىكا ئارمىيسى ھەرۋاقىت بۇيرۇق تاپشۇرۋېلىشقا تەييار تۇرۋاتقان بۇلۇپ ،ھازىر ئافغانستاندا تەخمىنەن يەنە 30 مىڭ ئامىرىكا ئەسكىرى تېخى چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگەن.

ئوخشىمغان قازا قىلغۇچىلار سانى 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكى تەرەپنىڭ ئېيتىشچە ،يەرلىك ھۆكىمەت ئاللىقاچان جەزىملەشتۇۈرگەن ئۆلگۈچلەرنىڭ سانى ئاز بولغاندىمۇ 350 ئىكەن.

ئافغانستان ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ ئىدارە باشلىقى مۇھەممەد كاكار ئۆزنىڭ ئىگەللىگەن سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلشچە ئاپەتتە قازا قىلغۇچىلار سانىنىڭ 600 دىن 900 غىچە ئىكەنلكنى ئېيتقان.

باداخشان ئۆلكىسنىڭ ئۆلكە باشلقنىڭ سۆز قىلغۇچىسى ناۋىد فىروتانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە 300 دىن كۆپرەك ئائىلىدىن 2100 ئادەم قازا قىلغان.

باداخشان ئۆلكىسنىڭ ئۆلكە باشلىقى ساۋەلى ئادى ئۆي سانى  ۋە كەنىتلەردىن ئايرىلىپ تويغا قاتناشقىلى بارغان ئادەملەرنىڭ  سانىغا ئاساسلانغاندا ئېھتىمال ئۆلگۈچلەرنىڭ سانىنىڭ 2700 ئادەم بۇلۇشى مۇمكىنلكنى بىلدۈرگەن.

 

 

 



خەتكۈچلەر:
05-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek