شەكىل تۈزەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان بىر قىسىم ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، سەھىيە نازارەت تارماقلىرى ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
توردا بۇنىڭغا ئالاقىدار خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، مەلۇم ئىستېمالچى تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم ھۆسن تۈزەش ئورنىدا شەكىل تۈزىتىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
شەھەر ئاھالىسى ما خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر ھۆسن تۈزەش مەركىزىدە بەدەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قىلدۇرغاندا، بۇ مەركەز ئۇنىڭ يۈز قىسمى ۋە پۇت-قولىغا ھۆسىن تۈزەش ئوكۇلى ئۇرغان، لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوكۇل ئۇرغان جايلىرى يىرىڭداپ قالغان.
شەھەرلىك سەھىيە تارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار بۇ خىل قىلمىشلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن.
مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ شەكىل تۈزەش مۇلازىمەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشى قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ.ئەگەر بىر ھۆسن تۈزەش ئورنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ ئورۇننى سەھىيە نازارەت تارماقلىرى ئەدلىيە تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ››.
مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دوختورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ قانۇنسىز ھالدا دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئەھۋالى ئېغىرلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. كېسەلنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، شۇنداقلا جەرىمانە قويۇلىدۇ.
نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە سودا-سانائەت تارماقلىرىغا رويخەتكە ئالدۇرغان ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىدىن تەخمىنەن 1600 ى بار، لېكىن سەھىيە نازارەت تارماقلىرى ئىگىلىگەن مۇنتىزىم ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتى 100 گىمۇ يەتمەيدۇ.
ناۋادا شەھەر ئاھالىلىرى ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى بايقىسا 2320700-0991 غا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved