ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ يەنە بىر بۆلىكىدىكى تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى

       22-دېكابىر، ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ تەنتەربىيە مەركىزى بېكىتىدىن ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىق قوش لىنىيەدە تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ بۆلەك مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ 12-بۆلىكى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1043 مېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو تۆمۈريول 20-ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان. بۇ قېتىم قوش يۆنىلىشتە تونېلنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى مۆلچەردىن 18 كۈن بۇرۇن تاماملانغان.    جۇڭگو تۆمۈريول 20-ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتناش 1-لىنىيەسى 12-بۆلىكى تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاۋ سۈيخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بۆلەك 2014- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كان قېزىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، بىر يىل تۆت ئاي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى قوش يۆنىلىشتە تونېلنى تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. نۆۋەتتە، تونېل ئىچىگە تىرەك قويۇش خىزمىتى ئاياغلاشقان بولۇپ، كېلەر يىلى باھاردىن كېيىن 2- قېتىملىق قوپۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدىكەن.

   مۇخبىر تونېلنىڭ ئىچى نەم بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ تونېلدا مۇناسىپ ئاسراش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكى ئاساسلىقى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان قوش يۆنىلىشلىك تونېلنىڭ كۆپ قىسمى كۆكەرتىش بەلبېغى ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، يېشىللاشتۇرۇشتا ئىشىلتىدىغان سۇنىڭ ئاستىغا سىڭىشىپ كېتىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.

   بۇ بۆلەكنىڭ رايون ئارىلىقى دائىرىسى ئىچىدىكى گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما مۇرەككەپ بولۇپ، يەر ئاستىدا قۇم- شېغىل يەر قاتلىمى كۆپرەك بولۇپلا قالماي يەنە، يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغىدىن ئۆتكەچكە، تونېل قۇرۇلۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن. جاڭ سۈيخۇڭ مۇنداق دېدى: بىز قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېشىللاشتۇرۇش بەلبېغىنىڭ سۇغىرىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ، سۇنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئېغىر بولغان جاينى بېتون بىلەن قوپۇرۇپ چىقىپ، سۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق ھەمدە تونېل تېمىنى قوپۇرۇش ماتېرىيالىنىڭ قېلىنىلىقىنى 70 سانتىمېتىرغا كۆتۈردۇق.

   بۇ بۆلەكتە جەمئىي بىر بېكەت بىر رايون ئارىلىقى بار، يەنى تەنتەربىيە مەركىزى بېكىتى ۋە تەنتەربىيە مەركىزى بېكىتىدىن ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىگىچە بولغان رايون ئارىلىقى. نۆۋەتتە، رايون ئارىلىقى تونېلى قوش يۆنىلىشتە تۇتاشتۇرۇلدى، بېيجىڭ شىمالىي يولى بىلەن خېبىي يولىنىڭ كېسىشكەن يول ئېغىزىغا جايلاشقان تەنتەربىيە مەركىزى بېكىتىنىڭ ئۆگزىسىمۇ 10- ئاينىڭ ئاخىرى يېپىلىپ بولغان.



خەتكۈچلەر:
23-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-02-2016
مىسىر تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11 -فېۋرال سەھەردە ئاسۋاندىن پايتەخت قاھىرەگە ماڭغان پويىز بەنسىف شەھىرى ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 73 ئادەم يارىلانغان. مىسىر تىرانسىپورت مىنى...
06-02-2016
          يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ. 1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش    باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
06-02-2016
         يىقىندا، ھىندىستان JBM گوروھى 2016-يىللىق ھىندىستان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پۈتۈنلەي يېڭى نۇسخىدىكى توكلۇق ئاپتوبۇسى EcoLife نى ئېلان قىلغان. بۇ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى JBM بىلەن پولشا ئاپتوبۇس شىركىتى...
05-02-2016
       4-فېۋرال سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭشى گۈي ليۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى گۈيلىندىن ليۇجۇ يۆنىلىشىدە بىر خېيلۇڭجياڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يېرىم چاتما پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىپ، گۈيلىن ليۇجۇ ...
05-02-2016
        ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى         شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
05-02-2016
          چاغاندىن ئاۋۋالقى تۆت كۈندە شىنجاڭ ئىچىدىكى قىسقا ئارلىققا قاتنايدىغان يولۇچىلارنى توشۇش باشلاندى. 4-فېۋرال تۆمۈر يولدىكى يولۇچىلار ئېقىمى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇب...
05-02-2016
     ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەشنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ بىۋاستە شوپۇرلۇق...
04-02-2016
        3-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9:50 ئەتراپىدا، تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا قاراپ ماڭغان يۆلىنىشتىكى تۇز كۆل ھەق تاپشۇرۇش پونكىتىغا 50 مېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىدە، يول زىيادە تېيىلغا...
04-02-2016
       مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بولغان چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولىدا ئۇزىتىلغان يولۇچى مىقدارى 740...
03-02-2016
      خېيۈەن شەھىرى زىجىن ناھىيىسىدىكى مەلۇم تورداشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن (2-فېۋرال) چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا زىجىن ناھىيىسى گۇجۇ بازىرى شاڭشيادۇڭ كەنتى يول بۆلىكىدە غەيرىي قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇ...
Powered by Leglek