تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى يېزىلارغىچە كېڭەيتىلدى، 4G تورغا ئۇلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تاۋار سېتىۋېلىشتىن تارتىپ، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقىچە، ئىستېمال بازىرى سىياسەتنىڭ قوزغىتىشىدىكى قېلىپتىن ئىچكى جەھەتتە ئېشىش قېلىپىغا ئۆزگىرىپ، ئىستېمال ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ مۇقىم كۈچكە ئايلاندى.
يېقىنقى كۈنلەردە، گۇيجۇدىكى چەت-ياقىغا جايلاشقان بۇيىزۇلار كەنتى-ياتا كەنتىدە يېڭىچە ئىشلار بولدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل نەرسىلىرى تېز يوللانما بىلەن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگىلا يەتكۈزۈلۈپ قالماستىن، كەنتتە ئىنتېرنېت تورىدىن مال سېتىۋالىدىغان يەنە بىر كىچىك تىجارەت ئورنى قۇرۇلدى. كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىككى يۈز نەچچە كىلومېتىر يول يۈرمەيدىغان بولدى.
جۇڭتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا ياتا كەنتىدىكىگە ئوخشاش تېز يوللانما نۇقتىسىدىن 239 نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا مەركەزلەشتى. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تېز يەتكۈزۈش تىجارىتىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغان ئۆلكىلەرنىڭ %80 ى ئوتتۇرا، غەربىي رايونغا مەركەزلەشكەن. تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغىچە كېڭەيتىلىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالدىن ئىبارەت بۇ ماتور ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىغا تىرەك بولغان ئەڭ مۇقىم كۈچكە ئايلاندى.
4G تېخنىكىسىمۇ ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىستېمالنىڭ جانلىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. ھازىر ئۆتكۈزىلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، مۇسابىقىنى يانفون ئارقىلىق كۆرۈشتىن پەيدا بولغان ئېقىم مىقدارى %40 كۆپەيدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 4G تورى ئومۇملاشقان شەھەر ئۆتكەن يىلدىكى 15 تىن بۇ يىل 300 گە كۆپەيدى، ئىنتېرنت تورىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئېقىم مىقدارى ئىستېمالى كۆپىيىپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزدە ياسالغان يانفونلارنىڭ سودىسىمۇ ياخشى بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزدە ياسالغان يانفون ئالما، سامسۇڭ يانفونلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ، دۇنيا TD قېلىپىدىكى 4G يانفون بازىرى ئۈلۈشىدە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى، سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان 10 ماركا ئىچىدە، دۆلىتىمىزدە ياسالغان يانفونلار %80 نى ئىگىلىدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزدە ئىستېمال خاراكتىرىدىكى مۇلازىمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆرسەتكۈچ ئۇدا ياخشى بولدى، بولۇپمۇ 3-ئايدىن بۇيان، ئۇدا ئىككى ئاي ئاشتى. ئىككى چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولغان قىزىق نۇقتىلىق 10 چوڭ ئستېمال ئىچىدە، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، تەربىيىلىنىش قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتىرىدىكى ئىستېمال يېرىم نىسبەتنى ئىگىلىدى. ھازىر، ئېلىمىزدە مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %46.1 كە يەتتى، ئامېرىكىدا بولسا بۇ نىسبەت %79.4 نى ئىگىلەيدۇ. مۇلازىمەت خاراكتىرىدىكى ئىستېمالنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوزغاشقا توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved