خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خالىدە ئابدۇقادىر ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى

شىنجاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

شىنجاڭ تورى ( ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر سوڭ جىيەنخۇا خەۋىرى). « ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ پۈتۈن مەملىكەتتە نامى بار پۇتبول مەكتىپى. ئەمەلىيەتتە پۇتبولدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدە ئاساسى بار. مەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭ تەنتەربىيىسى جەھەتتە كۈچەپ شىنجاڭنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەپ تېخىمۇ كۆپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدەك كوماندىلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خالىدە ئابدۇقادىر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇشۇنداق دەيدۇ.

 

خالىدە ئابدۇقادىر مۇنداق دەيدۇ: « تەكشۈرۈش جەريانىدا مەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بەزى بالىلار قۇملۇقتا، بەزى بالىلار بوز يەردە توپ تېپىدىكەن. ئۇلار پەقەت پۇتبول بولسىلا بىز شۇنىڭغا خۇشال بولىمىز دەيدۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم.»

 

شىنجاڭنىڭ ناھايىتى ياخشى پۇتبول تەرەققىيات كەلگۈسى بارلىقى توغرىسىدا خالىدە ئابدۇقادىر دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىنى چوڭ كۈچ بىلەن قوللىشىنى ۋە پەقەتلا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭلا پۇتبول مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى قوللاشتىن سىرت يەنە شارائىتى يار بېرىدىغان مەھەللىلەردە ۋە كەنتلەردە كىچىك تىپتىكى پۇتبول مەيدانى قۇرۇپ بالىلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى ئەتراپىدا پۇتبول تېپەلەيدىغان ھالەتكە يەتكۈزۈشى توغۇرلۇق تەكلىپ بەردى. خالىدە ئابدۇقادىر مۇنداق دەيدۇ: « ھازىر شىنجاڭدا پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل، دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىرلىككە كەلگەن پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاش، تەربىيىلەش بىر گەۋدە قىلىنغان تارماقلارنى قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنى مەخسۇس باشقۇرۇش ئورنى قۇرۇپ ھەر يىلى ھەر قايسى مەكتەپلەردە ھەرخىل يىللىق دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ ، تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ ۋە تالانت ئېگىلىرىنى تاللاش ئارقىلىق پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ بىر تۈرلۈك ئەلا بولغان پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لىيۇ شىنشېڭ بولسا « كەسپىي » پۇتبول مەستانىسى. ئۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ شىنجاڭدىكى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ جۇڭگۇنىڭ كەلگۈسى پۇتبولچىلىقىغا ئۇل سېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.



خەتكۈچلەر:
15-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek