ئۇكرائىنىيەدە كان ئىشچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

جاھان ئاگېنتلىقى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۇكرائىنىيەدە كان ئىشچىلىرى، مائاشنىڭ بېرىمەسلىكى ۋە كۆمۈر كانلىرىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن پايتەخت كىيىۋدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئۇكرائىنىيەنىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدىكى كۆمۈر كانلاردا ئىشلەۋاتقان 3 مىڭدىن كۆپ كان ئىشچىسى، پايتەخىت كىيۋدا پرېزىدېنت ئىدارىسى، پارلامېنت ۋە مىنىستىرلار كومىتىتى بىناسى ئالدىدا توپلىشىپ، ھۆكۈمەتتىن كۆمۈر كانلىرىنى تاقىۋەتمەسلىككە چاقىرىق قىلدى. كان ئىشچىلىرى بىر قانچە ئايدىن بۇيان بېرىلمىگەن مائاشلىرىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
كان ئىشچىلىرى، دۆلەت خامچوتىدا كۆمۈر كانلىرىغا ئايرىلغان مەنبەنىڭ كۆپەيتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەلدىن كۆمۈر سېتىۋېلىش سىياسىتىنىمۇ ئەيبلىدى. كان ئىشچلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرمىغان ئەھۋالدا نامايىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىغانلىقىنى ئېيتتى.
كان ئىشچىلىرىنىڭ نامايىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسىنيۇك، ئىنىرگىيە ۋە كۆمۈر سانائىتى مىنىستىرى ۋىلادىمىز دەمچىشىنغا ئەڭ قىسقا مۇددەتتە كان ئىشچلىرىنىڭ مائاشلىرىنى بېرىش ھەققىدە تەلىمات بەردى.
مىنىستىرلار كومىتىتى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۆكۈمەتنىڭ كان ئىشچىلىرىنىڭ توپلىشىپ قالغان قەرزلىرىنىڭ تۆلىنىشى ئۈچۈن يېقىندا دۆلەت مالىيەسىدىن 400 مىليون ئاجراتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ 300 مىليونىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە كان باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يوللانغانلىقى تىلغا ئېلىندى.



23-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek