دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ماي شاڭخەيدە ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو-ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى باراۋەر ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى . ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ، ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى ، ئەمەلىي نەتىجىلىرى مول بولدى . جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تۈپ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قوللايدۇ ، ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ، مۇستەقىللىقىنى قوغداش ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ . جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكەمەتلىرى ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ . جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن بىللە قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، قاتناش ، تېلېگراف ، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ، يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ، ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ .
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved