3-ئاينىڭ 15-كۈنى، قىش كېتىپ، باھار كېلىشىگە ئەگىشىپ، گۇيجۇ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھىرى خۇڭفېڭ كۆلى بويىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئېتىزدىكى گۈل- چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلغان. گۇيياڭ خۇڭفېڭ كۆلى بويىدىكى گۈل-چېچەكلەر ئىككى پارچىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر بۆلىكى خۇڭفېڭ كۆلى بويىدىكى يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئۆستەڭنىڭ كۆلگە قۇيۇلۇش ئېغىزىغا، يەنە بىرى خۇڭفېڭ كۆلىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان.
ئۆستەڭنىڭ كۆلگە قۇيۇلىدىغان ئېغىزى ئىلگىرى گۇيجۇ پىڭبا دېھقانچىلىق مەيدانىغا تەۋە بولۇپ، ھازىر گۇيئەن يېڭى رايونىغا قوشۇۋېتىلگەن، ئاراللارنىڭ تۇتىشىپ، گۈللۈك ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۆز ئارا گىرەلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاجايىپ گۈل-چېچەك مەنزىرىسى شەكىللەنگەن.
خۇڭفېڭ كۆلىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى شاڭخەي-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ گۇيياڭدىن ئەنشۇنگىچە بولغان بۆلىكى بۇ گۈل-چېچەكلەر دېڭىزىدىن كېسىپ ئۆتىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved