ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەركىزى (Hydrometeorological Center) نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق-مەلۇماتلارغا ئاساسەن سىتاستىكا قىلىشىچە، 2015-يىلى شىمالىي يېرىم شاردا 124 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پۈتۈن ھاۋا رايىنى تەكشۈرۈش تارىخىدا 891-يىلىدىن باشلاپ، شىمالىي يېرىم شاردا ئوتتۇرىچە تىمپۇراتۇرا بەش قېتىم ئۆرلىگەن، يەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 998-يىلى 2-ئاي، 2002-يىلى 2-ئاي، 2007-يىلى 1-ئاي، 2008-يىلى 3-ئاي، 200-يىلى 11-ئاي.
2015-يىلىدا جەمئىي 10 ئايدا بىنورمال ھاۋا رايى كۆرۈلگەنلىكتىن، 2015-يىلى شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا رايى ئۆلچەملىك ھاۋا رايىدىن بىر گىرادۇس ئۆرلىگەن، 2014-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 0.2 گىرادۇس ئۆرلىگەن، بۇنداق ئۆزگىرىش پۈتۈن ھاۋا رايى تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھاۋا رايى بىنورمال بولغان رايونلار بارېنتىس دېڭىزى (Barents Sea) ۋە روسىيە قارا دېڭىزى (Kara) نىڭ شىمالىدىكى شىمالىي قۇتۇپ رايونلىرى بولۇپ، بۇ رايونلارنىڭ ھاۋا رايى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا تۆت گىرادۇستىن بەش گىرادۇسقىچە ئۆرلىگەن.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved