يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تېمپراتۇرسىنى بارا-بارا تۆۋەنلىتىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر 14 ئادەم تېمپراتۇرانىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
تايلاند باڭكۇك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلان ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مەھكىمىسى بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا رايى ھادىسىسىنىڭ 25- يانۋار ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، 26- ۋە 27- يانۋار كۈنلىرى يەنە 12 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تايلاند مېتېرولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تايلاندنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ تېمپراتۇرسىنى 10 سېلىتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، بىر قىسىم رايونلارنىڭ تېمپراتۇرسى ھەتتا 5 سېلىتسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
![]() |
كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved