جاھان ئاگېنتلىقى 24-فېۋرال خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يۇنان ھۆكۈمىتى مالىيە پروگراممىسىنى 4 ئاي ئۇزارتىش بەدىلىگە ۋەدە قىلغان ئىسلاھات لايىھەسىنى بۈگن مالىيە مىنىستىرلىرىغا سۇنىدۇ. يۇنان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لايىھەدە SYRIZA نىڭ سايلامدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان دۆلەتتىكى ئىنسانى كىرزىسنىڭ ئېشىشىغا ئالاقىدار ئىسلاھاتىنىڭ تولۇقى بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنى چەكلىۋاتقان تۆلەنمىگەن قەرزلەر ۋە بانكىلاردىن ئېلىنغان قەرز مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە قەرز پۇلنى تۆلىمىگەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ھاۋالە سودىسىغا چىقىرىلىىشى قاتارلىق تېمىلار ئورۇن ئالماقتا.
تۆت ماددىلىق قىلىپ قىسقارتىلغان ئىسلاھات لايىھەسى ئىچىدە ئادىل بولغان ئىقتىساد سېستىمىسى شەكىللەندۈرۈش، پۇل ئەتكەسچىلىكى، يېقىلغۇ ۋە چىكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن بىرگە يولسىزلىق بىلەن كۈرەش قىلىش، بىئوكراتلارنى قىسقارتىپ دۆلەتنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق ماددىلار بار. باياناتتا، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ بۈگۈن بىريۇكسېلغا يوللىنىشىدىن كېيىن مىنىستىرلار كومىتىتىنىڭ يىغىن ئاچىدىغانلىقى ۋە ئافىنا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە بىريۇكسېل ئارىسىدىكى ئىسلاھات لايىھەسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يۇنان مېدىيا ۋاستىلىرىدە كۆرسىتىلگەن خەۋەرلەردە، ھۆكۈمەت تەييارلىغان ئىسلاھات لايىھەسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بەزى پىلانلارنىڭ يوقلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئالدىنقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى قاتارلىق تېمىلار ئوتتۇرغا قۇيۇلىدىكەن. مالىيە مىنىستىرلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، مالىيە پروگراممىسى 4 ئاي ئۇزارتىلىش بەدىلىگە يۇنان ھۆكۈمىتىنڭ بۇرۇنقى بارلىق ۋەدە قىلغان پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى، ئىقتىساد توپلاش ۋە مالىيە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللاردىن يىراق تۇرىدىغانلىقى ۋە ئەمەلى خىزمەتنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتىتى، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن ئاساستا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved