2016-يىللىق شىمالى ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، تاراتقۇلار بېنىز SLC ۋە مېرسىدېس -AMG SLC 43 نى مۇددەتتىن بۇرۇن سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، SLC بولسا بېنىز SLK دەرىجىلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پۈتۈنلەي يېڭى نام قويۇش شەكىلىد، ئىككى نۇسخا يېڭى ماشىنا مۇشۇ قېتىملىق شىمالى ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ.
بېنىز SLC
بېنىز SLC مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىچكى بېزەك ھەممىسى تەڭشەلگەن، ئالدى يۈزدە بېنىزنىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت شەكىل لاھىيەسى قوللىنىلغان، كۆپ يۇلتۇزلۇق مەركىزى تور ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ، يېڭى پاسوندىكى LED ئالدى چوڭ چىراق ۋە LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىرىقى ئىشلىتىلگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، بېنىز SLC ئىستىمالچىلارغا 2.0T لىك پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى بېنزىن ماتور ۋە 2.0T لىك دېزىل ماتور تاللىشى تەمىنلىگەن، ئەمما بېنزىن ماتورىدىن ئۈچ خىل تەڭشەكلىكى بار. بۇنىڭ ئىچىدە SLC 180 نىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 156 ئات كۈچى؛ SLC 200 نىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 184 ئات كۈچى؛ SLC 300 نىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 245 ئات كۈچى. ھەرىكەت ئۇزىتىشتا توققۇز خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان.
مېرسىدېس -AMG SLC 43
مېرسىدېس -AMG SLC 43 دىكى «43» نىڭ ئىسمى يېڭى ماشىنىنىڭ سەپلىمىسىنىڭ 3.0T لىك قوش پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئەڭ يېڭى ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 367 ئات كۈچى، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 520 ن.م، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا توققۇز خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان. بۇ ماشىنىنىڭ 0-100km/h تېزلىنىش ۋاقتى 4.7 سىكۇنىت.
مېرسىدېس -AMG SLC 43 نىڭ ئالدى يۈز قىياپىتى تېخىمۇ قەبىھ، ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆپ بالداقلىق سالاسۇننىڭ شەكىلى يېڭى، مەركىزىدىكى «چوڭ ئېغىز» لاھىيە ئىسسىقلىقنى تارقىتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. AMG SLC 43 بايرىقى ئاستىدىكى AMG قاتارىدىكى ماشىنا تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەلگە خاراكتىرلىك مەركىزى تور قوش بالداقلىق سالاسۇن ئىشلىتىلمىگەن، بۇ باشقا AMG قاتارىدىكى ماشىنا تىپى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved