ئىراق زۇڭلىسى ئاباد 6-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىمالدىكى كۇرت ئاپتونوم رايونى قوراللىقلىرى بىرلىشىپ ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىگىلىۋالغان ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇل ۋە بۇ شەھەر تەۋە بولغان نىنېۋېھ ئۆلكىسىنى ئازاد قىلدى. ئاباد شۇ كۈنى ئۆمەك باشلاپ كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئېربىلدا زىيارەتتە بولۇپ، كۇرت رايونىنىڭ رەھبىرى بارزانى قاتارلىقلار بىلەن نىنېۋېھ ئۆلكىسىنى بىرلىشىپ ئازاد قىلىش ئىشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. ئاباد سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىنېۋېھ ئۆلكىسىنى ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن كۇرت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى قۇردى. ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. لېكىن ئۇ كونكرېت ۋاقىتنى ئېيتمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved