1945-يىل 8-ماي ناتسىست گېرمانىيىسى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى غەلىبىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ياش ئايال تەرجىمانى ئېلىنا بىر زور مەخپىيەتلىكنى قانداق ساقلاش ھەققىدە تىت-تىت بولماقتا ئىدى. ئارىدىن 60يىل ئۆتكەندە بۇ ئايال تەرجىمان ھېتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېڭەك سۆڭىكىگە دائىر سىرنى ئاشكارىلىدى.
ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەسكىرى ھېتلىر يوشۇرۇنغان بىر جەسەتنى بايقىغان، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇ ناتسىستلارنىڭ كاتتىبېشى ئادولف ھېتلېرنىڭ جەسىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. چۈنكى، بۇ جەسەت كۆيۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەچكە، مۇتەخەسسلەر چىشىنى تەكشۈرۈپ سالاھىتىنى بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىي ستالىن بۇ مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاشنى بۇيرىغان، شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئېلىنا ھېتلېرنىڭ ئېڭەك سۆڭىكى سېلىنغان قۇتىنى يېنىدىن ئايرىماي، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىنى كۈتۈش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ سەبداشلىرى بېرلىن كوچىلىرىدا غەلبىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتىمۇ بىر قولىدا سەپداشلىرىغا ھاراق قۇيسا، يەنە بىر قولىدا قۇتىنى مەھكەم تۇتۇپ يۈرگەن.
گەرچە ھېتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، بەزى ئانالىزچىلار ئۇ ھەققىدە نۇرغۇن قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: ھېتلىر سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن ئارگېنتىناغا قېچىپ كەتكەن، دەپ قارىغان. بىراق ناتسىست گېرمانىيىسى 1945-يىل 8-ماي كەچتىلا ھېيتلىرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ھېتلىر ئۆلۈۋېلىشتىن ئىلگىرى ئىزباسارلىققا تەيىنلىگەن گېنېرال پولكوۋنىك دونتىزمۇ باياناتىدا: بىزنىڭ فىئۇرېرىمىز ئادولف ھېتلېر ھاياتىدىن ئايرىلدى، دېگەن.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved