بېن لادىننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىدا يەنە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇخبىر، پۇلتىزىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سېيمور خىرىشنىڭ يېقىندا «لوندون تەقرىزى» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدىكى «ئوباما ھۆكۈمىتى بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئىشىدا يالغان ئېيتقان» دېگەن سۆزى توردا ناھايىتى كۆپ چېكىلىپ، تور بېكىتىنى بىر مەھەل پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خەۋەردە، بېن لادىن ئامېرىكا ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ بەش يىل نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان؛ ئامېرىكا 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، پاكىستاننىڭ سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى بىلەن سودىلاشقان ھەم پاكىستان بىلەن بىرلىشىپ بېن لادىننى ئۆلتۈرمەكچى بولغان؛ ئاتالمىش ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك تارىخىي داستانغا ئوخشايدىغان ئەمەلىيەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دېيىلدى. ئامېرىكا ئاقسارىيى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 11-ماي خىرىشنىڭ خەۋىرى ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى يالغان دېدى.

ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن خىرىشنىڭ خەۋىرىنىڭ راستلىقىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 12-ماي كەچكىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىدى. پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خەلىلۇللا 12-ماي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھازىر بىز بۇ خەۋەرنى ئۇقتۇق، لېكىن بۇ ئىشقا تېخى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدۇق دېدى. مۇخبىر قايتا-قايتا سورىغانلىقتىن، خەلىلۇللا بىز 14-مايدىكى پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز مۇمكىن دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئىشىنى تارىخىي داستاندەك تەسۋىرلەپ، بۇ-ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا قوللانغان ھەرىكىتى دەپ كەلدى ھەم مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىز قوغلاش ئارقىلىق، بېن لادىننىڭ ئەببوتئابادتىكى يوشۇرۇنۇۋالغان جايىنى تېپىپ چىققان دېگەندە چىڭ تۇردى. ئەمما خىرىشنىڭ 10-ماي ئېلان قىلغان «بېن لادىننى ئۆلتۈرۈش» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بېن لادىن پاكىستاندا بەش يىل نەزەربەند قىلىنغان. 2006-يىلى كىچىك بۇش ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىنى ئۆتەۋاتقان چاغدىلا، پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەربىي ئاخبارات تارماقلىرى بېن لادىننى ئەببوتئاباد ھەربىي بازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر بىخەتەر ئۆي، يەنى كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قورۇدا ئوڭۇشلۇق تىزگىنلىگەن. 2009-يىلى ئوباما ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ مەخپىيەتلىكنى بايقىغان ھەم دەرھال دىپلوماتىك مۇرەسسەنى باشلىغان.



خەتكۈچلەر:
14-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek