ھىندىستاندا 14 ياشلىق قىز نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىدى

      ھىندىستانلىق بىر 14 ياشلىق قىز بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا يېڭى دېھلىنىڭ شەھەر ئەتراپىدا گۆرۆگە ئېلىۋېلىنغان ھەمدە نۆۋەت بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىنغان، نۇرغۇن ئەر ئۇ قىزنى ئىككى ھەپتىگىچە جىنسىي قۇل قىلىۋالغان. قىز قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، 10-يانۋار تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق سەرگۈزەشتىسىنى بايان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان.

        يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆرسەتكەن پىروگراممىسىدا، بۇ قىز ئۆزىنىڭ بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭى دېھلىنىڭ غەربىدىكى بىر بازاردا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر تۇتقۇق قىلىۋېلىپ، بىر ‹‹قاراڭغۇ ئۆي››گە سولاپ قويغان. ئۇ يەردە ئۈچ ئەر ئۇنى ئىككى ھەپتىگىچە سولاپ قويۇپ، نەچچە قېتىم نۆۋەت بىلەن باسقۇنچىلىق قىلغان.

       ئۇ قىز مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئىككى ھەپتە توختىماي مېنى خورلىغاندىن كېيىن، ئۇلار مېنى قويۇۋەتمەكچى بولۇپ، بىر ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى، بىر دۇكاندىن ھاراق سېتىۋېلىپ، ئاندىن ماشىنىنى بىر قۇدۇق ئاغزىغا توختاتتى. ئۇلار مېنى قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما كەينىگە بىر نەچچە قەدەم يېنىپ، ماڭا قارىتىپ ئوق چىقاردى، 1-پاي ئوق مېنىڭ ئۇستىخىنىمغا تەگدى، مەن ھېچنېمىنى ھېس قىلالمايلا قالدىم، پۈتۈن    ئەزايى بەدىنىم ئۇيۇشۇپلا كەتتى. 2-پاي ئوقتىن كېيىن مەن ئايلىنىپ چۈشۈپتىمەن.››

     ھوشىغا كەلگەنگەندىن كېيىن بۇ قىز ئۆزىنىڭ قۇدۇقتا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، پۈۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ، توختىماستىن تىترەيدۇ.

بەختكە يارىشا، بۇ قىز ھوشىغا كېلىپ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ، ۋارقىراشقا باشلايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەن ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن كۆكرىكىمگە ئوق تەگكەنلىكىنى كۆردۈم-دە، ۋاقىرىدىم.››

  12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاتراپتىكى كەنتتىكى كىشىلەر ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئۇ قىزنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى تەرەپ بىر نەچچە گۇماندارنى قولغا ئالغان.

  ئۇ قىز مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەن ئۇ باسقۇنچىلارنى چايناپ پۈركۈۋەتسەم دەيمەن، ھېچكىممۇ مەندەك قىسمەتكە قېلىشنى خالىمىسا كېرەك.››

  2015-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا بىر موماي نەۋرىسىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا ئازابلانماقتا.

  2015-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا بىر نەچچە قىز تۆمۈريول بويىدا ماڭماقتا.

  2012-يىلى 12-ئايدا، تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ بىر 23 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچىسىغا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئالتە نەپەر ئەر باسقۇنچىلىق قىلغان، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قىز ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقە ھىندىستاندا مەملىكەتلىك خاراكتېرلىك نامايىشقا سەۋەب بولغان.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىلىيام ئەر-ئايال كېنسىڭتون سارىيى (Kensington Palace) دا كەچلىك زىياپەت چاقىرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەر-ئايالنى كۈتىۋالدى....
03-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى پارتلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە سۆھبەتلەشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان، ئاخىرىدا ئۇ ساقچىلار ئاتقان ئوق تېگىپ...
03-05-2016
    ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ CBS نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بوستوندىكى مېدفوردتا جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان چېن جى ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئەرگە لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئامەت قۇشى قونغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىي...
03-05-2016
     ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئالدامچى كاززاپ پاۋىل بىنېت 15 يېشىدىن باشلاپلا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، 25 يىلغىچە ھەرخىل ساختا تون...
02-05-2016
    29 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتل...
02-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھوللىۋودتنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى سىلۋەستېر سىتەيلون تۇنجى قېتىم كىچىك ئېكرانغا يۈرۈش قىلىدىكەن. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىتەيلون ھازىر  مارىيا پزونىڭ ئەسىرىگە ئا...
02-05-2016
    «گېرمانىيە ياشلىرى، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سىلەرگە باغلىق !» «ئىلگىرى بىزنى مازاق قىلغان شۇ كىشىلەرنىڭ بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق كۈلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» »بۇ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەل خەلق، شۇڭلاشقا خەلقىمىز ئۈچۈ...
02-05-2016
    رۇسىيەدە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئاققان- ئاقمىغانلىقى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇھىتىغا ئىشەنچى بار-يوقلۇقىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بولۇپ قالغان. لېكىن، ئىستاتىستىكىلىق جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق ئەھۋال ن...
01-05-2016
    بۈگۈن ئۇچۇر بەرگۈچىلەر تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىغا ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ۋاڭ جەن كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، بەيدۇ شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خىزمەتتىن ھەيدەلگەن....
01-05-2016
    1953-يىلى 5 –مارتتا سىتالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ،جەسىتى خىرىسال ئۈكەككە سېلىنىپ،لېنىن ماۋزۇلىغا قويۇلغان،ئەمما سىتالىننىڭ جەسىتى لېنىن ماۋزۇلىدا پەقەت سەككىز ئايلا تۇرغان.1961-يىلى سىتالىننىڭ جەسىتى يۆتكىۋېتىلگەندى...
Powered by Leglek