تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ

‏چېگرا ھالقىغان ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا يېقىندا تەشكىللىگەن 40 دۆلەت قاتناشقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ئۈلۈشكۈن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىراقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا، 30 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنى يوقۇتۇش ھەققىدە كېڭەشتى.


بۈگۈنكى كۈندە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، بۇ ئەسەبىي تېررورلۇق كۈچلىرىنى چەكلەپ رايون ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا شۈبھىسىزكى ئىجابىي رول ئوينايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنداق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىدا تەبىئىي يوچۇق مەۋجۇت، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە مۇددىئاسى گۇمان پەيدا قىلىدۇ، بۇ بۇندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىشىشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.


ئەسەبىي تېررورلۇق تەشكىلاتغا زەربە بېرىشتە قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىدىغان كەڭ خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئىتتىپاقداش تاللىغاندا يېقىن يىراق دەپ ئايرىپ، تەرەپ تاللىدى. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولسىلا ئۆزىگە تارتىپ ئىتتىپاقداش بولدى، ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە چەتكە قاقتى. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئۈلۈشكۈن ئىراق خەلقئارا يىغىنىدا سۆز قىلغاندا ئوچۇقلا: ئىراق ۋە سۇرىيەدە تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە قوللانغان قوش ئۆلچەمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.


بىرىنچىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئاڭ فورماتسىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان سىياسىي قورالغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىكى باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىش، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئادىللىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىشىغا پايدىسىز، يەنە كېلىپ تېررورىزم كۈچلىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋېتىپ، ئەڭ ئاخىردا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


‏ئىككىنچىدىن، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە يۈزەكى زەربە بېرىش بىلەن تۈپتىن زەربە بېرىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. گەرچە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش بىر مەھەل ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتالىسىمۇ، لېكىن ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتالمايدۇ.


ئۈچىنچىدىن، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھازىر، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ كونتروللىقىدا تۇرىۋاتقان رايونلار سۇرىيە ۋە ئىراققا يامرىدى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم يېرىنى ئىگىلىدى. بۇ ئىككى دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا زەربە بەرگەندىلا ئاندىن تېررورچىلارنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ. لېكىن سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا ناۋادا ئامېرىكا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىسە، باشقا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.


نۆۋەتتە تېررورىزم پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيمەكتە، دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن قارايدىغان بولساق، بىردە پەسىيىپ بىردە يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلەش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھالبۇكى ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە رولى مىسلىسىز غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئافغانىستان ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشى، لىۋىيە ئۇرۇشىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىكى تىپىك پاسسىپ مىسال بولالايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.


تېررورىزم پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ھەر قانداق دۆلەت تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش ھەمدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ناۋادا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلاپ قوش ئۆلچەم قوللانسا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يولى تېخىمۇ تار بولىدۇ خالاس.



خەتكۈچلەر:
19-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek