جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى يېقىندا ھەمكارلىشىپ ‹‹يىجىفۇ›› توك پۇلى تۆلەش كەسپىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسى توك سائىتى ئابۇنىچىلىرى يان تېلېفون بىلەن ھەرقانداق ۋاقىتتا توك پۇلى تۆلىيەلەيدىغان بولدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو تېلېگرافى ‹‹يىجىفۇ›› ئىسچوت ئابۇنىچىلىرى ‹‹يىجىفۇ›› تور بېكىتى ۋە يان تېلېفوندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىسچوت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز ئۆيىنىڭ توك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن ۋە بانكا كارتىسى ياكى ‹‹يىجىفۇ›› قالدۇق سوممىسى بىلەن ھەرقانداق ۋاقىتتا توك پۇلىنى تۆلىيەلەيدىكەن.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولى، غەربىي شىمال يولى، جۇڭشەن يولى قاتارلىق جايلاردىكى ئون تېلېگراف تىجارەت زالى دۆلەت ئېلېكتىر تورى تولۇقلىما كارتا تېرمىنالىنىڭ تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسى توك سائىتى ئابۇنىچىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ‹‹يىجىفۇ›› ئېلىپ كەلگەن قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹يىجىفۇ›› جۇڭگو تېلېگرافى يولغا قويغان مۇلازىمەت تۈرى بولۇپ، جۇڭگو تېلېگرافى ھەر بىر ئابۇنىچى ئۈچۈن ئارقا سۇپىدا بىر ‹‹يىجىفۇ›› ئىسچوتى ئاچقان، ئابۇنىچى ئىسچوتنى ئېچىپ قوزغاتقاندىن كېيىن، ئىسچوتقا پۇل سالسىلا ئالاقە تورى، WAP (يان تېلېفوندا تورغا چىقىش)، قىسقا ئۇچۇر، IVR (ئۆزئارا تاۋۇشلۇق ئىنكاس) قاتارلىق يۈزتۇرا بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق نەرسە – كېرەك سېتىۋالالايدىكەن ياكى ھەق تاپشۇرالايدىكەن.
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved