شەرق تەرەپ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .پۈتكۈل فرانسىيە تاشلىۋېتىش ناملىق ھەقىقىي ۋەقەلىك پىروگىراممىسىدىكى تەنتەربىيە چولپانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈردى .فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلسىي سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ ھادىسىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكنى ۋە قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،قېرىنداشلىرىنىڭ كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىدىن چەكسز ئازابلانغانلىقىنى ۋە ئەپسۇسلانغانلىقىنى ،قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردىغانلىقىنى ئېيتتى .ھەمدە ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى .
فرانسىيە زۇڭلىسى ۋارىسمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ> پۈتكۈل فرانسىيە تەزىيەگە چۆمدى< دېدى .فرانسىيە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى سەھىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ قايغۇرغانلىقىنى ۋە تەزىيە بىلدۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى .كامىل مۇفات 25 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ 2005-يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن مۇفات فرانسىيە سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىدە مەملىكەتلىك چېمپىيون بولغان .2012-يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 400 مېتىرغا ئەركىن سۇ ئۈزۈشتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن .2014-يىلى ئىيۇلدا تەنھەرىكەتچىلەر سېپىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان .بوكسچى ۋاستىنامۇ دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن .يەلكەنلىك كېمە تەنھەرىكەتچىسى ئارتو فرانسىيىدە ھەممە ئادەم بىلىدىغان مۇنەۋۋەر ماھىر بۇلۇپ ئىلگىرى ئاتلانتىك ئوكيان ئاشىقى دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى .
فرانسىيە تەرەپ پارىژدا ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى قۇرۇپ ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى .نۆۋەتتە ئىككى ئايروپىلاننىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىنماقتا .فرانسىيەنىڭ ئارگىنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىمۇ ۋەقەدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ قازا قىلغانلار تاۋابىئاتلىرىنى ئۇچۇر ۋە ياردەم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved