جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 5- مارت باڭكۇكتا بىر قاتناش كېمىسىنىڭ موتۇرى پارتلاپ كېتىپ 50 ئادەم يارىلاندى، بىر قانچە يولۇچى سۇغا چۈشۈپ كەتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بۇ كېمە باڭۇكنىڭ شەرقىي رايونىدىكى بىر ئاساسلىق سۇ يولىدا يولۇچى تۇشۇۋاتقانكەن. باڭكۇكنىڭ قانال تورى ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، قاتناش يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا سۇ يولى قاتناش كېملىرى بىلەن لىق تولۇپ كېتىدۇ.
تايلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەدە 50 كە يېقىن ئادەم يارىلاندى، ئۇلار بەش قېتىمغا بۆلۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved