ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئايال شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى تۆۋەن، شۇڭا ئۇلار قاتناش قائىدىسىگە كۆپ خىلاپلىق قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي ئەھۋال راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايال شوپۇرلار 1 مىليون 76 مىڭ 75 بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي شوپۇر سانىنىڭ %21 نى ئىگىلەيدىكەن. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ئون ئايالنىڭ بىرى پراۋا ئالغان، ھەر بەش شوپۇرنىڭ بىرى ئايال ئىكەن. يەنە ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى دېكابىردىن 2014-يىلى فېۋرالغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئايال شوپۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى 25 قېتىم، 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە 28 قېتىم، بۇلتۇر دېكابىردىن ھازىرغىچە 39 قېتىم كۆرۈلگەن.
قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-يانۋاردىن 8-مارتقىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسى دېلوسى 603 بولۇپ، بۇنىڭ 20 سىنى ئايال شوپۇرلار سادىر قىلغان، ئەر-ئايال شوپۇرلارنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش نىسبىتى 33:1 ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئايال شوپۇرلار قورقۇنچاق بولغاچقا، ئاپتوموبىلنى ئاستا ھەيدەيدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھادىسە سادىر قىلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.
![]() |
11-چېسلا سەھەردە، گۇاڭجۇ خۇادۇدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىدا ۋۇ ئەپەندىم ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر چىپار كېيىكنى بايقىغان.
بۇ كېيىك ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارلىر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved