سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاشاجىس تۈنۈگۈن: بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىپرۇس مەسىلىسى سۆھبىتىدە بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ئىلگىرلەشلەر بولدى دېدى.
سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سىپرۇس مەسىلىسىگە مەسئۇل ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېد سۆھبەتتىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىككى رەھبەر تۈنۈگۈن ئەمەلىي ۋە ئىجابىي سۆھبەتلىشىپ، كەلگۈسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئۆي-زېمىن ھوقۇقى ھەمدە زېمىن مەسىلىسىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئېد مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى مۇشۇ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved