يەر شارى تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمان يېقىندا 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە يېڭى ئۈچ كۈنلۈك ئاممىۋى ئارام ئېلىش تەسىس قىلىپ، ئۈچ كۈننى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېلىشىش كۈنى، ئات مىنىش كۈنى ھەمدە گۈل تېرىش كۈنى قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمان پايتەخت دۈشەنبىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يەرلىك مېدىيەلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستاننىڭ مەملىكەتلىك چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، غەلبە قىلغان ماھىر بىر پىكاپقا ئېرىشىدۇ. 23-مارتتىكى يېڭى يىللىق ئات مۇسابىقىسى مۇكاپاتى ساپ نەسىللىك تاجىك ئېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما باغچا ھۈنەر-سەنئىتىگە ماھىر شەھەر ئاممىسى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئاممىۋى باغچا پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved