دوكلاتتا ھۇقۇقنى ئاجىزلىتىپ، پاكلىقنى كۈچەيتىش ئوتتۇرغا قويۇلدى

زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بۇرۇنقىدەكلا يۇقىرى بېسىملىق ھالەت ساقلىنىدۇ، دەپ ئوتتۇرغا قويدى. جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا كوللېكتىپ قاراپ چىققاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چياڭ ۋېي ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىشتىن بىزار بولىدىغانلىقى، ئۈچكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرغا قويدى.

 

1- مەن ئارقا ئىشىكتە مېڭىش، مېنى ئىزدەپ ئەمەل تەلەپ قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىمەن.

2-،ماڭا سوۋغا، ماددىي بۇيۇم، پۇل، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا قىلىشقا تېخىمۇ قارشى تۇرىمەن. مەن مۇنداق تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن بىزار بولىمەن ھەمدە قارشى تۇرىمەن: بەزىلەر مېنىڭ بايرىقىمنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شەخسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتىدۇ، مەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندىن ھامان بۇنى توسۇش ۋە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم.


ئۆتكەن بىر يىلدا، مەنئىي قىلىنغان رايون يوق بولۇش، ھەممە يەرنى قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ باۋشۇن مۇنداق دېدى: بىز چىرىلىككە قەتئىي يول قويماي ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، قەيەردە چىرىكلىك ھادىسىلىرى بولسا، شۇ يەردە قارشى تۇردۇق. قەيەردە چىرىك ئۇنسۇرلار بولسا، شۇ يەردە بىر تەرەپ قىلدۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ۋە چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن قالدۇرمىدۇق.


مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چاۋلياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئايرىم ئورۇنلار مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بانا سەۋەب كەلتۈرۈۋاتىدۇ، شەكلىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بۇ 4 ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن جاھىللىقى، يىلتىزىدىن تۈگىمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، قەتئىي بوشاشتۇرماستىن، چىرىكلىكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


لىياۋنىڭلىق ۋەكىل گاۋ باۋيۈ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ھوقۇقنى ئاجىزلىتىپ، پاكلىقنى كۈچەيتىش ئالاھىدە ئوتتۇرغا قويۇلدى. بۇ ئۆتكەن يىلى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئوتتۇرغا قويغان ھوقۇق تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قاپلاپلا قالماستىن، يەنە ھوقۇق قەپەسگە مەھكەم سولۇنۇپ، ھوقۇقنى ئىجارىگە ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش بوشلۇقى ۋە چىرىكلىك يىلتىزى قەتئىي تۈگىتىلدى.


مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كەيفېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جى بىڭۋېي مۇنداق دېدى: ھوقۇقنى قەپەسگە مەھكەم سولاشتا، ئالدى بىلەن ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش كېرەك، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىر ئۆلۈش ئازايتىلسا، بازار بىر ئۆلۈش قويۇپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭلىق ۋەكىل گو ليەنشەن مۇنداق دېدى: مائارىپ، تۈزۈم ۋە جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بىر سىستېما، بۇ بىر قاتار تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، چەكلەشكە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج.



خەتكۈچلەر:
08-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek