خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خىزمەت ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ناھايىتى زۆرۈر .گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،خىزمەت ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا چاي ئىچكەچ بىردەم خىزمەتداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بولماستىن بەلكى كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن .بۇنىڭدا مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش بىلەن تەڭ بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىكەن .
تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا تەتقىقاتچىلار پىدائىيلارنى ئۈچكە گۇرۇپپىغا بۆلگەن ،بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر چاي دەملەپ ئىچكەن ،ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر تاتلىق تۈرۈم يېگەن ،ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر قايناقسۇ ئىچكەن ئارقىدىن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۇرى ۋە ئەقلى ئىقتىدارى ئۆلچەنگەن .نەتىجىدە چاي ئىچكەن گۇرۇپپىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان .مەيلى مەسىلىنى ھەل قىلىش سۈرىتى بولسۇن ياكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش جەھەتتە بولسۇن قالغان ئىككى گۇرۇپپىدىن ياخشى چىققان ،تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ،چاينىڭ تەركىبىدە كوفىئېل ۋە چاي ئامىياك كىسلاتاسى بار بۇلۇپ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى يەڭگىللىتىدىكەن ،خىزمەتچىلەر چاي ئىچسە ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن .
چاي ساقلىقنى ساقلاش ، مىجەزنى تەڭشەپ سالامەتلىكنى ئاسراش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ .جۇڭگولۇقلار بولسا ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى ، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى ، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرىتىنى تېزلىتىدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى ، ئەتىياز پەسلىدە بولسا بەدەننى كۈچەيتىدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن .
قىسقىسى ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن . دورىلىق چايلار مېڭە ، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار ، ئورۇقلاشقا ، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار ، باش ئاغرىقى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ، يۈرەك ، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى ، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى ، بۆرەك ، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ، تېرە ، بوغۇم كېسەللىكلىرى ، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ، بالىلار كېسەللىكلىرى ، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار ، ئۇنىڭدىن باشقا ، بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈرلىرىمۇ بار .
چاي - دۇنياغا داڭلىق ئۈچ چوڭ ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك ( چاي ، قەھۋە ، كاكائو ) نىڭ بىرى ، شۇنداقلا قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانلارغا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ، تېبابەتتە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ ياخشى ساقلىقنى ساقلاش تەبىئىي ئىچىملىكتۇر.چاي تەركىبىدە كوفېئىت ( قەھۋە ئىشقارى ) ، كۆپ فېئوللۇق بىرىكمىلەر ، ۋىتامىن تۈردىكىلەردىن ، ۋىتامىن K , C , B , مىنرال ئېلېمېنىتلاردىن فوسفۇر ، كالىي ، كالتىسى ، ماگىنىي ، مانگان ، ئاليۇمىن ، گۈڭگۈرت ، ۋە ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق تەركىبلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ، موۋاپىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ بەرسە ئادەمنى روھلاندۇرۇپ ، نېرۋىنى تىچلاندۇردۇ . ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ بەدەندىكى خىلىتلارنى تولۇقلايدۇ ، كۆزنى رۇشەنلەشتۇردۇ ، ئىسسىقلىنى پەسەيتىپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، تولغاقنى توختىتىدۇ ، چوڭ تەرەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ ، يەل ھەيدەيدۇ ، بەلغەمنى بوشتىدۇ ، ياللۇغ قايتۇىدۇ ، ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قاندىكى ماينى پارچىلاپ ئارنېرىينىڭ بۇتقىسمان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە قان شېكەرنى تۆۋەنلىتىش ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ، راكقا قارشى تۇرۇش ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتەك روللارغىمۇ ئىگە . شۇ سەۋپلىك دۇنيادىكى نورغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ تەبىئى مۇھىيتى ۋە مىزاجىغا ماس كېلىدىغان ھەرخىل ئۆسۈملۈك ، گۈل - گىياھلار ، مېۋە - چېۋىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مېغىزلىرىدىن ئوخشىمىغان چايلارنى ياساپ ، ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved