چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى راباد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئەتراپىدا شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-مارت بىر نەچچە قېتىم پارتلاش ۋە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ كونسۇلخانىسى تۇرۇشلۇق رايوندا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ تۇرالغۇلىرى ۋە ئىشخانا ئورنى بار ئىكەن. ھازىرغىچە، ئافغانىستان دائىرلىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئاشكارىلىمىغان، يەنە ھېچقانداق تەشكىلاتمۇ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved