دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بارسېلونا كوماندىسى 3-0 گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك رېكورتنى يېڭىلىدى ۋە رېكورت ياراتتى، يەنە بىرقانچە تۈرلۈك رېكورتقا ئازلا قالدى، ھەم شۇنداقلا بەزى بىر رېكوتلارمۇ يارىتىلدى.
1- بارسېلونا كوماندىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئەڭ كۆپ كىرگەن كوماندا بولۇپ قالدى. بارسېلونا كوماندىسى 2006-يىلى، 2009-يىلى، 2011-يىلى ۋە 2015-يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە قەدەم قويدى.
2- بارسېلونا كوماندىسىدىكى سۇئارىز دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ يەككە مەيدان ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتتى.
3-بارسېلونا كوماندىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى توپ كونترول قىلىش نىسبىتىنى ياراتتى.
توپ كونترول قىلىش نىسبىتى بارسېلونا %75، خېڭدا%25
4- بارسېلونا كوماندىسى دەريا قېنى كوماندىسىنى يەڭسە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ چېمپىيون بولغان كوماندا بولىدۇ. دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ چېمپىيون بولغان كوماندا بىرازىلىيەنىڭ كېلندىئەن كوماندىسى 2 قېتىم. 200-يىلى ۋە 2012-يىلى چېمپىيون بولغان. بارسېلونا كوماندىسى 2009-يىلى ۋە 2011-يىلى چېمپىيون بولغان.
5-ئەگەر سۇئارىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىردىن ئارتۇق توپ ئۇرسا دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ماھىر بولۇپ قالىدۇ. ھازىرغا قەدەر مېسسى 4 توپ، دېنىرسىن 4 توپ ئۇرغان.
6-بۇ قېتىمقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئىغىر يارلىنىش يۈز بەرگەن مۇسابىقە. مۇسابىقە باشلىنىپ 34 مىنۇت بولغاندا خېڭدا كوماندىسىدىكى زوۋجىڭنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى.
7-جەنۇبىي قىتئەسدىكى كوماندىلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ ئۇچراشقان كوماندا بارسېلونا كوماندىسى، 4 قىتىم جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن كوماندىلار بىلەن ئۇچراشقان ھەم بىر مەيدانلا ئۇتتۇرۇپ قويغان (2006-يىلى بارسېلونا 0-1 بىرازىلىيە خەلقئارا كوماندىسى)
8- ھازىرغا قەدەر دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغان ياۋرۇپا كۇلۇبلىرى ئىچىدە پەقەت چېلسى بىلەن لىۋىرپول كوماندىسىلا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved