يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردىكى نۇرغۇن كىشىلەر رۇسىيىنىڭ 2-ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىغا ناھايىتى ھەۋەس قىلغان، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان رۇسىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى نۇرغۇن: ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم كۈچى تەرەپتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئومۇمى نوپۇسى 170 مىليون ئىكەن، ئەمما گېرمانىيىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 80 مىليونغا يەتمەيدىكەن.
ئۇنىڭدىن قالسا سوۋېت ئىتتىپاقى نەچچە بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇنىڭ كاپىتالى زور دەرىجىدە ئاشقان، بۇ مەزگىل ئىچىدە كاپىتالىستىك ئەللەرنى ئىقتىسادى كرىزىس قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى سانائەت جەھەتتە دۇنيادىكى 2-چوڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن، ئۇنىڭدىن قالسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ئىكەن: يەنى فاشىستىك دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، ئەمما ئەنگىليە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر قاتاردا ئىكەن. ئۇ چاغدىكى ئىشلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:
بىرىنچىدىن، ئىستالىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئەسكەر چىقىرىپ فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغان
ئىككىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى كۆپ پىلان لايىھىلەر بىلەن پولشا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قولغا كىرگۈزگەن
ئۈچىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىمالى قىسمىنى بېسىۋالغان
تۆتىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گېرمانىيە بىلەن «سوۋېت گېرمانىيە ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ۋە «سوۋېت ياپونىيە ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان .
بەشىنچىدىن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقىرىپ گېرمانىيە بىرلىكتە فىنلاندىيىنى بۆلۈشۈۋالغان .
1941-يىلى سوۋېت گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇن، رۇسىيىلىكلەر قورال كۈچىگە تايىنىپ ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە شەرقى ياۋروپادىكى كۈچىنى كېڭەيگەن ، بۇ خىل ئەھۋال 1941-يىلدىن بۇرۇن گېرمانىيىنىڭ ياۋروپانى بېسىۋالغان شەكلى بىلەن ئوخشاش دېيەرلىك ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۈچ چوڭ ھەربىي كۈچى كۈچلۈك دۆلەت بولسا گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئادەتتە تاجاۋۇز قىلىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن، ۋە بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا چوڭ ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ، ئەمما بۇ ئۈچ چوڭ دۆلەت ئىچىدە ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇپ، پەقەت رۇسىيە نەتىجە قازانغان .
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب
ئۇنىڭدا گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدە مەسىلە بار ئىكەن، يەنى ئەنگىليىگە ئۇرۇش قىلغاندا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەنگەچكە ئەنگىليىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنى مەغلۇپ قىلالماپتۇ.
ئىتتىپاقداش ئارمىيە دۇيۇنكۇرۇكتا قۇرۇقلۇققا چىققاندا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۆلچىرى خاتا بولۇپ، قوغداش نۇقتىسىنى خاتا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنى چاقماق تېزلىكىدە ئېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، قىشنىڭ تەييارلىقى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ مىقداردا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved