ئەگەر ياشانغانلار دائىم تىلىنى چىشلەپ سالسا، ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا ‹‹لاكۇنى خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇرى ئۆلۈش›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ دەسلەپتە گەپ – سۆزى ۋە تاماق يېيىشى ئاستا بولىدۇ، دائىم تىلىنى چىشلەپ سالىدۇ. بۇ خىل كېسەل مېڭىدىكى قىسمەن قىل قان تومۇرلارنىڭ كەپلىشىپ قېلىشى ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى، تىل كالۋالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاماق يەۋاتقاندا قولىدىن چوكا چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدىغان ئىنچىكە ھەرىكەتلەرمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامىتى. شۇڭا ياشانغانلار تىلىنى چىشلەپ سېلىش، بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۆۋەنلەش، قول – پۇتى قۇلىشىش، سانجىلىپ ئاغرىش، يول ماڭغاندا دۇرۇس ماڭالماسلىق، تىلى راۋان بولماسلىقتەك ئالامەتلەرنى ھېس قىلسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved