1..ئايروپىلان ھازىرغىچە ئالاقە ئۈزۈلگەن ھالەتتە،كونكرت ئورنى مۇقىم ئەمەس..مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ھازىرغىچە ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە يولۇققانلىق ھەققىدە ئىسپات يوق.
3-2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە،تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە ،ئايروپىلاننىڭ ھاۋادا پارچىلىنىپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقى يوقۇرلىماقتا.
3-3.-ئاينىڭ 10-كۈنى ،ۋېيتنام دېڭىز ئەتراپىدىن بايقالغان ماي قالدۇقلىرى،سېرىق رەڭلىك لەيلىمە جىسىم ،قۇتقۇزۇش كېمىسى ،ئايروپىلان بۆلمىچىسى،كابىل دېسكىسى قاتارلىقلارمالايسىيا ئاۋىئاتىسىيە شىركىتى تەرپىدىن يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ جاكارلاندى.
10-چىسلا چۈشتىن كېيىن ئۈچتە ،شىمالىيكەڭلىك43`9،شەرقىي ئۇزۇنلۇق 25`107 دىن بايقالغان ئېنىق بولمىغان جىسىملارنى 11-چىسلا يەنە داۋاملىق ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدىكەن.
4-.يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاندا 227 نەپەر يولۇچى ، 12نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن.مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيە شىركىتى بېيجىڭدا،
يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى ھەربىر يولۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا 31 مىڭ يۈئەن ئالاھىدە ھال سوراش پۇلى تارقىتىدىغانلىقىنى ،بۇنىڭ تۆلەم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
5- 10-چىسلا ،خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە،پەقەت ۋە پەقەت 2يولۇچى ساختا پاسپورت بىلەن ئايروپىلانغا چىققان.
6-ھازىرغىچە جوڭگو،مالايسىيا،ۋېيتنام،فىلىپپىن،ھىندۇنىزىيە،سىنگاپور،ئامىرىكا،تايلاند، ئاۋستىرالىيە ،ئەنگىلىيە،يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق11 دۆلەت ئايروپىلان ۋە پاراخوت ئاجرىتىپ ئىزدەشكە ئەۋەتتى.10-چىسلا ،تەيۋەن تەرەپمۇ ئىزدەشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.11-چىسلادىن باشلاپ ئىزدەش دائىرىسى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ كېڭەيتىلىدىكەن.
لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved