شىنجاڭدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى

1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقىلىپ تاكى 2014-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى 94 ناھىيە (شەھەر، رايون) دوكلات قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار جەمئىي 43555 غا يەتكەن. 2014-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 4143 بولۇپ، بۇ 2013-يىلىغا قارىغان 0.3% ئازايغان. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.


10-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي يىغىنغا قاتناشتى.


غانىبات سابۇكەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى مۇقىملاشقان، قىسمەن رايونلاردا يۇقۇم ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭ، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئەيدىز يۇقۇمنىڭ يامراش سۈرئىتى تېز بولغان، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشى سەۋەبلىك داۋالاش ۋەزىپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىشقا باشلىغان. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى شىنجاڭدا ھەر يىلى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى سانى 4500 دىن 5500 گىچە بولغان، لېكىن 40% بىمار يەنىلا بايقالمىغان.


يېقىنقى نەچچە يىلدا تەكشۈرۈش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ ماڭغان بولۇپ، ھايات قالغۇچىلار سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشكە باشلىغان، ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار يىلسېرى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئامىللىرى يەنىلا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان.


تارقىلىش يولى جەھەتتە، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن تارقىلىشنىڭ ئورنىنى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە زەھەر چېكىشتىن تارقىلىش نىسبىتى بىرقەدەر تۇراقلىق بولغان، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولغان.


ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتتە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان بەلگىلىك نۇقتىدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش ئاپپاراتىدىن 89 ى بولۇپ، بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىغان. ئاپتونوم رايون بويىچە خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان پونكىتى ئاساس قىلىنغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسەللىكى تەجرىبىخانا خىزمىتى تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن.

ئاپتونوم رايون بويىچە ئوكۇل ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، يوشۇرۇن پاھىشىۋازلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋىتىنى توسۇش، جورىسى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ھەمراھى ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر كەينى-كەينىدىن قانات يايدۇرۇلغان.


ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئەيدىز كېسەللىكىگە ئائىت 6 خىل داۋالاش يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.

 



خەتكۈچلەر:
11-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
    تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ  ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟     يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
25-05-2016
    دىلرۇس بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىلرۇس داۋالاش ئ‍ۈسكۈنىلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئ‍ەكبەرجاندىن ئ‍ېگلىشىمىزچە، دىلرۇس بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تىل جەھەتتىن قېينىلىۋاتقان ئ‍وتتۇرا ياش ۋە ياشانغانل...
24-05-2016
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ. 2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ. 3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ. 4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ. 5. ئانتىبىيوتىك دور...
24-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تەتقىقات ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنگىلىيە تەبىئەت ژۇرنىلىدا پە-تەتقىقات نەتى...
22-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستانلىق 13 ياشلىق ئوغۇل بالا ماھېندىرا (Mahendra) تۇغما مۇسكۇل كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، بوينى تىك تۇرمايدىغان، ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىل...
22-05-2016
    بەلنىڭ چىم بولۇشى تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشتىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.     بەل چىم بولۇپ ئاغرىغاندا، مۇۋ...
21-05-2016
    ئامېرىكا ستەنفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىنىڭ ئاۋازى بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نېرۋا ھۈجەيرىسى زەنجىرى بىلەن چوڭ مېڭە ئوتتۇرسىدىكى تۇتۇشىشنى كۈچەيتىدىكەن، ئانىسىنىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلاپ بېرىش...
20-05-2016
    تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارەتكە چېتىشلىق 125 گۇماندارنى قولغا ئالدى، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلغان 37 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەستىقلىدى. مۇخبىرنىڭ 20-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى...
20-05-2016
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19- ماي جەنۋەدە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 2000- يىلدىن 2015- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 5 ياش چوڭىيىپ، 71.4 ياشقا كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ...
20-05-2016
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19-ماي ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئون بەش يىلدا يەرشارى ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى بەش ياش يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئاياللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئەرلىرىنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرىم-ئا...
Powered by Leglek