شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: مېترو 1-لىنىيەسى «تۆگىدەڭ بېكىتى» قۇرۇلۇش مەزگىلىدە نۇرلۇق يولى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى يەڭگىللىتىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 22-مايدىن باشلاپ قۇرۇلۇش يولىدىكى (خەلق كىنوخانىسى ئايلانما يولىدىن غەربىي قۇرۇلۇش يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى) قاتناشقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى تاق يۆنىلىشىلىك لىنىيەنى قوش يۆنىلىشلىك لىنىيەگە ئۆزگەرتىدىكەن. جەنۇبتىن شىمالغا بولغان يۆنىلىشتە ئىككى ئاپتوموبىل يولى، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان يۆنىلىشتە بىر ئاپتوموبىل يولى تەسسىس قىلىنىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 21-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇرۇلۇش يولىنىڭ (نۇرلۇق يولىدىن غەربىي قۇرۇلۇش يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى) ئىككى يېنىدا ئاپتوموبىل توختىتىش چەكلىنىدىكەن.
دېموكراتىيە يولىدىن قۇرۇلۇش يولى ئېغىزىغىچە بولغان بۆلەكتە، دېموكراتىيە يولىدا غەربتىن شىمالغا قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنىڭ يىتيەنياڭ مېھمانسارىيى ئالدىدىكى يول بۆلىكدىن بىۋاستە قۇرۇلۇش يولىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ.
ئەسلىدىكى يىتيەنياڭ مېھمانسارىي ئالدىدىكى يول بۆلىكىدىن قۇرۇلۇش يولى يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار خەلق كىنوخانىسى ئايلانما يولىدىن ئەگىپ قۇرۇلۇش يولىغا كىرسە بولىدىكەن.
قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-مايدىن 26-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرگە تەشۋىقات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 27-مايدىن باشلاپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرگە قارىتا جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved