جاڭ لېي ، ياۋ تۇڭ ، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ : دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 30 - ئىيۇل خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۈمە تاھىرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
خەتتە مۇنداق دېيىلدى: جۈمە تاھىر داموللام بىر ئۆمۈر ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مول دىنىي بىلىمى بىلەن ئاممىنىڭ كاللىسىدىكى مۈجىمەللىكلەرنى يېشىپ ، ئالىيجاناپ پەزىلىتى ۋە يۈكسەك ئابرۇيى بىلەن ئاممىغا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ سەپسەتىلىرىگە بايرىقى روشەن ھالدا رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى پائال يېتەكلەپ ، ئوتتۇرا يولدا چىڭ تۇرۇپ ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ، ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەت يولىدا مېڭىپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنلار ئىناقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە پائال تۆھپە قوشتى.
دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى شىنجاڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ جۈمە تاھىر داموللامنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ۋەتەننى ، خەلقنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەن ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved