شېنجىن لوڭگاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر ‹‹ ھەممىگە قادىر ئىلاھ ›› بىدئەت دىنى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرغان ، ۋەقەگە چېتىشلىق جاۋابكار تىيەن فامىللىك ۋە لۇ فامىللىك بىدئەت دىندىن پايدىلنىپ قانۇننىڭ ئىجرا قىلنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئايرىم- ئايرىم ئۈچ يىل ئىككى ئايلىق ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۆت يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغان.
2013-يىلى ئاممىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى بىلەن ، جامائەت خەۋىپسىزلىك ساقچىلىرى تىيەن فامىللىك بىلەن لۇ فامىللىكنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ، نەخ مەيداندا ‹‹ ھەممىگە قادىر ئىلاھ ›› بىدئەت دىننى تەشكىلاتنىڭ 6000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتىريالى ۋە 33 كىتاب ، بىدئەت دىننى تەشكىلاتنىڭ ماتىيالى قاچىلانغان بىر تاختا كومپىيوتىرنى قولغا چۈشۈرگەن . لوڭگاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار تىيەن فامىللىك ، لۇ فامىللىك دۆلەتنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي ، ‹.ھەممىگە قادىر ئىلاھ›› بىدئەت دىنىنىڭ تەشۋىقات ماتىياللىرىنى تارقاتقانلىقى ئاللىقاچان بىدئەت دىندىن پايدىلنىپ دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە كىرىدۇ ، بۇ قىلمىشنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش كىرەك دەپ قارىغان. ھازىر ئىگەللىگەن ئىسپاتلاردىن جاۋابكار تىيەن فامىللىك بىلەن لۇ فامىللىكنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىدئەت دىن تارقىتىشقا قول سالغانلىقىنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇ، گەرچە تېخى ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ ، ئەمما جىنايىتى ئىشقا ئاشماسلىققا كىردىغان بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ تەشكىللەش قىلمىشى قانۇنسىز قىلمىش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن . جاۋابكار تىيەن فامىللىك ، لۇ فامىللىكنىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئۇنۋېرسال ئويلىشىش ئارقىلىق ، لوڭگاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا يۇقرىدىكى ئوخشاش بولمىغان جازانى بەرگەن .
‹‹ ھەممىگە قادىر ئىلاھ ›، بىدئەت دىنى تەشكىلاتى يەنە ‹‹ شەرقتىكى چاقماق ›، ‹‹ ھەممىگە قادىر ئىلاھ ›› دەپ ئاتىلدىغان بۇلۇپ ، خېيلۇڭجاڭلىق جاۋېيشەن تەرپىدىن تارقىتىلغان، بۇ دىننىڭ دىننى ئەھكاملىرى خىرستىئان دىنىنىڭ كىتابى ئىنجىلنىڭ مەنىسىنى بۇراپ چۈشىنىشتىن كەلگەن ، ئۇلار ‹‹خىرستىئان دىنى ›› نىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
‹‹ھەممىگە قادىر ئىلاھ›› بىدئەت دىنىنىڭ پۇل -مالنى ئالداپ ئېلۋېلىش مىساللىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ كۆرۈلگەن بۇلۇپ ، كۆپلىگەن مۇشۇ دىننى تەشكىلات تەرپىدىن ئالدىنىپ بۇ دىنغا كىرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ زىينىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان.
بۇ بىدئەت دىن تەشكىلاتى ھەتتا ئەزالىرىنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە كۈشكۈرتىپ ، ئۇلارنى پۈتۈن قەلبىنى ۋە پۇل- مېلىنى دىن ئاساسچىسىغا تاپشۇرۇپ بېرشكە ئۈندەيدىكەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن ئەسلىدە بەخىتلىك ئائىللەرنىڭ بۇزۇلۇپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چېچىلىپ كىتىشىنى ۋە ئەسلىدىلا نامرات ئائىللارنىڭ قار ئۈستىگە قىروۋ قونغاندەك پاجىئەگە يۇلۇقىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved