ئىناۋەت كارتىسى ئالدامچىلىقىدا زىيانلانغۇچىلار ياشلاشتى

تۇرمۇش رىتىمىمىزنىڭ تېزلىشىشى بىلەن تور سودىسى راۋاجلىنىپ، تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. شەھەر ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ ياشلار خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە جىددىيلىشىۋاتقان شارائىتتا، تور سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇلارغا ‹‹ياغدەك ياقتى››. لېكىن بىر قىسىم تور سودىگەرلىرى كىشىلەرنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قاقتى – سوقتى قىلىۋاتىدۇ.
ئالىيە خانىم ‹‹تاۋباۋ››دىن ئاياغ سېتىۋالغان. ئۇ ئاياغنىڭ سۈپىتىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، دۇكان ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشقا كېلىشكەن. دۇكان ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە QQدا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرى ۋە بانكا كارتىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئەۋەتكەن. نەتىجىدە ئالدىنىپ، نەچچە مىڭ يۈەن زىيان تارتقان.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىدىكى مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ھازىر تور سودىسىدا ئالدامچىلىق دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا كۆپىنچە دۇكان ئىگىلىرى مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹كارتىسىز ھەق تاپشۇرۇش››تىكى تېز سۈرئەتتە ھەق تاپشۇرۇش شەكلى ئارقىلىق توردا مال سېتىۋالغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئاھالىلەر توردىن مال سېتىۋالغاندا سەگەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر ۋە ھەق تاپشۇرۇش مەخپىي نومۇرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ‹‹تاۋباۋ›› مۇلازىمىتىدىكى ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن ھەر قانداق ئۇچۇرغا ئالدانماسلىقى كېرەك.
بىر تونۇشۇم ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېدى: بىر كۈنى ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتسام تېلېفون كەلدى، ئالسام قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ بانكا مۇلازىمەت خادىمى ئىكەنلىكىنى، ئىناۋەت كارتامنىڭ قىممەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆزۈمچە قىممەت دەرىجىسى ئۆسسە، سودا ئىشلىرىمغا قولاي بولىدۇغۇ دەپ ئويلاپ، قارشى تەرەپكە ئۇدا تۆت كۈن ئىسپاتلاش نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئالدامچىلاركەن، 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلۇمنى ئالداپ ئېلىۋالدى.
ئىگىلىشىمچە، ئىناۋەت كارتىسىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك قىممەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئادەتتە كارتىنىڭ قىممەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالاھىيتىنى ھازىرلىغان كارتا ئىگىسىگە بانكا ئۇچۇر ئەۋەتىدىكەن، كارتىنىڭ قىممەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش – ئۆستۈرمەسلىكنى كارتا ئىگىسى ئۆزى بەلگىلەيدىكەن.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىدىكى مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ھازىر ئىناۋەت كارتىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلار كۆپ، ئالدامچىلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچراۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. يەنى بىر قىسىم ئالدامچىلار بانكا مۇلازىمەت خادىمىنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ، كارتىنىڭ قىممەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باھانىسى بىلەن كارتا ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ئېلىۋېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ياشلار ئارىسىدا كۆپرەك يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرى ئىناۋەت كارتىسىنىڭ قىممەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش رەسمىيىتىنى چوقۇم پوكەيگە بېرىپ بېجىرىشى، كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر ھەم ئىسپاتلاش نومۇرىنى خالىغانچە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ ئىسپاتلاش نومۇرى كارتىدىكى پۇلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرگە يولۇقسا، بانكىنىڭ ئىناۋەت كارتا مۇلازىمىتىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن كىشى ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىپ، ئۇنىڭدىن سودا ئىشلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى تۇرمۇشىدا بولسۇن مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن بەزىلەر كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندا، پوكەيدىكى مۇلازىمنىڭ كارتىدىن قانچىلىك ھەق ئېلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولماسلىق، كارتىنى باشقىلارغا بېرىپ ھەق تاپشۇرۇشقا ھاۋالە قىلىش، دېگەندەك بىخۇدلۇق قىلىش سەۋەبلىك زور زىيانلارغىمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا كارتا ئىشلەتكەندە ئەستايىدىل بولۇش، ئالدامچىلارنىڭ مەقسىتىگە يېتىشىگە يوچۇق ئېچىپ بەرمەسلىك كېرەك.



خەتكۈچلەر:
21-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek