12-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەملىكەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى چوڭچىڭ شەھىرى بېيبۇ رايونىدىكى ئارخىپخانا بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى نەنجىڭنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن جۇڭگوغا قارىتا فاشىزم ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيىتكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدى. بۇ تارىخىي ماتېرىياللار تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ رەسىملەر توپلىمىنى ياپونىيە دوڭياڭ مەدەنىيەت جەمئىيىتى تارقاتقان بولۇپ، رەسىملەردە ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى يىنزۇنىڭ كوچا مەنزىرىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى: كوچىلاردا رەڭلىك بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، تەبرىكلەش سۆزلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر لوزۇنكىغا «نەنجىڭنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىدى. پىيادىلەر يولىغا ياپونىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە ھەربىي بايرىقى، يەنە تېخى گېرمانىيە فاشىسىتلىرى بىلەن ئىتالىيە فاشىسىتلىرىنىڭ بايراقلىرى ئېسىقلىق ئىدى.
1946-يىلى 2-ئايدا نەنجىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ھەربىي ئىشلار سوت كوللېگىيىسىنىڭ تەكشۈرۈشىچە ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭدا ئالتە ھەپتە چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان، جۇڭگو ھەربىيلىرىدىن 300 مىڭدىن ئارتۇقنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ياكى تىرىك كۆمگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved